خىتاينىڭ بارلىق سۆز-ھەرىكەتلىرى شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ داۋاملىشىدىغانلىقىغا ئىشارەت قىلىۋاتقان بولۇپ، خىتاينىڭ داڭلىق ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئاتالمىش «شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش ئىنستىتۇتى» قۇرۇشى دىققەت قوزغىدى.
ئاتالمىش «شىنجاڭ رادىيو-تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى»نىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي سىياسىي-قانۇن ئۇنىۋېرسىتېتى بىلەن ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت» 21-ئاپرېل ئاتالمىش «شىنجاڭ ساقچى ئىنستىتۇتى» تەربىيەلەش مەركىزىدە ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىغان بولۇپ، خىتاي سىياسىي-قانۇن ئۇنىۋېرسىتېتىغا قاراشلىق ئاتالمىش «شىنجاڭنى قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىش ئىنستىتۇتى»نىڭ يوپۇقى ئېچىلغان.
مۇراسىمغا ماشىڭرۈي، چېن مىڭگو، ئەركىن تۇنىياز قاتارلىق خىتاي ئەمەلدارلىرى ۋە قورچاق ئەمەلدارلار قاتناشقان بولۇپ، ما شىڭرۈي شەرقىي تۈركىستاندا «ئىجتىمائىي مۇقىملىق، ئۇزاق مۇددەتلىك تىنچلىق ۋە مۇقىملىقنى ئىلگىرى سۈرۈش»كە تېخىمۇ زور كۈچ قوشۇش كېرەكلىكى ھەققىدە جار سالغان.
خەۋەردە مەزكۇر كېلىشىمگە ئاساسەن، ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى» بىلەن خىتاي سىياسىي-قانۇن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تۈرلۈك ساھەلەردە ھەمكارلىق ئورنىتىپ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاننى باشقۇرۇش ئىستراتېگىيەسىنى تولۇق يولغا قويۇشنى ئىلگىرى سۈرىدىغانلىقى، خىتاي سىياسىي-قانۇن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاننى باشقۇرۇشىغا ئاكتىپ قاتنىشىدىغانلىقى قەيت قىلىنغان.
خەۋەردە مەزكۇر ئىنستىتۇتنىڭ خىتاينىڭ ئىستراتېگىيەلىرى ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىدىغانلىقى تەكىتلەنگەن بولۇپ، ئەقىل ئامبىرى سۈپىتىدە مەۋجۇت بولىدىغان بۇ ئىنستىتۇتنىڭ خىتاينىڭ ئىشغالىيەت ئاستىدىكى شەرقىي تۈركىستاننى تېخىمۇ قاتتىق كونترول قىلىش، پۈتۈنلەي خىتايلاشتۇرۇش، ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى كۈچەيتىش جىنايەتلىرىنى تەتقىقات كۈچى بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىنى كۆرۈۋېلىش تەس ئەمەس ئىكەن.