تىرامپ ھۆكۈمىتىنىڭ غايەت زور تاموژنا بېجى خىتاي شىركەتلىرىگە ئېغىر زەربە بەرگەن بولۇپ، خىتايلارنىڭ ئۆز ماللىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئورنىنى كورىيەگە ئۆزگەرتىش ئارقىلىق، تاموژنا بېجىدىن قېچىشقا ئۇرۇنغانلىقى ئاشكارىلاندى.
كورىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، كورىيەنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى يېقىندا كۆپلىگەن چەت ئەل مەھسۇلاتلىرىنىڭ كورىيەنىڭ ئېكسپورت ماللىرى قىياپىتىگە كىرگۈزۈلگەنلىكىنى بايقىغان بولۇپ، بۇلارنىڭ كۆپىنچىسى خىتايدىن كەلگەنىكەن.
بۇ يىل تۇنجى پەسىلدە كورىيە ھۆكۈمىتى قىممىتى 20 مىليون دوللاردىن ئاشىدىغان قانۇنغا خىلاپ مەھسۇلاتلارنى ئېنىقلاپ چىققان بولۇپ، بۇ ماللارنىڭ ئىشلەپچىقىرىلغان يېرىگە «كورىيە» دەپ يېزىلغان. بۇلارنىڭ %97 ى ئامېرىكىغا يوللانغان ماللار ئىكەن.
گەرچە بۇ قانۇنسىز قىلمىش بۇرۇندىن تارتىپ مەۋجۇت بولۇپ كەلگەن بولسىمۇ، ئامېرىكا-خىتاي سودا ئۇرۇشى كەسكىنلەشكەندىن كېيىن، شىددەت بىلەن كۆپەيگەن. خىتاي سودىگەرلەر بۇ خىل ھىيلە ئارقىلىق، ئامېرىكىنىڭ يۇقىرى نىسبەتتىكى تاموژنا بېجىدىن قېچىشقا ئۇرۇنغان. نۆۋەتتە كورىيە ھۆكۈمىتى بۇ مەسىلىنى تەكشۈرۈش ۋە ھەل قىلىش ئۈچۈن، مەخسۇس خىزمەت گۇرۇپپىسى قۇرغان.
بۇ قېتىملىق تاموژنا بېجى دولقۇنىدا تىرامپ ھۆكۈمىتى كورىيەگە %25 باج قويغان بولۇپ، ئامېرىكا بىلەن ئەركىن سودا كېلىشىمى بار دۆلەتلەر ئىچىدە ئەڭ يۇقىرى باج ھېسابلىنىدىكەن. ئەمما بۇ باج خىتايغا قويۇلغان باجدىن كۆپ تۆۋەن بولغاچقا، يەنە كېلىپ خىتايدىن باشقا دۆلەتلەرگە يۇقىرى نىسبەتلىك باج يولغا قىلىش 90 كۈن كېچىكتۈرۈلگەنلىكى ئۈچۈن، خىتاي سودىگەرلىرى كورىيەنىڭ نامىدىن پايدىلىنىشقا ئۇرۇنغان.