تايلاند دائىرىلىرى بىر خىتاينى قولغا ئالغان بولۇپ، مەزكۇر خىتاي ئالدىنقى ئايدا يۈز بەرگەن يەر تەۋرەشتە ئۆرۈلۈپ چۈشكەن چوڭ بىنانىڭ قۇرۇلۇشىنى ھۆددىگە ئالغان شىركەتنىڭ ئەمەلدارى ئىكەن.
فىرانسىيە خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، باڭكوكقا جايلاشقان مەزكۇر ئېگىز بىنا 28-مارتتىكى يەر تەۋرەشتە ئۆرۈلۈپ چۈشكەن بىردىنبىر چوڭ بىنا بولۇپ، 50 كە يېقىن كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان، يەنە 50 كە يېقىن كىشى يوقاپ كەتكەن. تەكشۈرۈش ئارقىلىق، 30 قەۋەتلىك بۇ بىناغا سۈپەتسىز قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى ئىشلىتىلگەنلىكى ئېنىقلاپ چىقىلغان.
مەزكۇر بىنانىڭ قۇرۇلۇشىغا خىتاي تۆمۈر يول 10-قۇرۇلۇش گۇرۇھى بىلەن يىتەي شىركىتى مەسئۇل بولغان بولۇپ، نۆۋەتتە شىركەتكە ئالاقىدار بىر خىتاي ۋە ئۈچ تايلاند پۇقراسى قولغا ئېلىنغان. بۇلارنىڭ ئىچىدە جاڭ فامىلىلىك خىتاي شىركەتنىڭ %49 پېيىغا، قالغان ئۈچ تايلاندلىق %51 پېيىغا ئىگە ئىكەن.
تەكشۈرۈش جەريانىدا ئېنىقلىنىشىچە، مەزكۇر بىناغا سۈپەتسىز قۇرۇلۇش ماتېرىيالى ئىشلىتىلگەندىن سىرت، قۇرۇلۇش نازارەتچىلىك توختامىدا ساختا ئىنژېنېر ئىمزاسى ئىشلىتىش قىلمىشىمۇ مەۋجۇت ئىكەن. خىتاينىڭ قۇرۇلۇشلارغا سۈپەتسىز ماتېرىيال ئىشلىتىش قىلمىشى يىللاردىن بۇيان ئىزچىل داۋاملىشىپ كەلگەن ئەھۋال بولۇپ، بۇنىڭ زىيىنى خىتايدىلا ئەمەس، خىتايلارغا قۇرۇلۇش ھۆددە بەرگەن باشقا دۆلەتلەردىمۇ كۆپلەپ كۆرۈلگەن.
تايلاندنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، خىتاي تايلاندنىڭ ئەڭ چوڭ بىۋاسىتە مەبلەغ سالغۇچىسى بولۇپ، 2024-يىلى بۇ دۆلەتكە ئىككى مىليارد دوللار مەبلەغ سېلىنغان. تايلاند ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقئارانىڭ ئاگاھلاندۇرۇشلىرىغا قارىماي، 40 ئۇيغۇرنى خىتايغا تاپشۇرۇپ بېرىشىگىمۇ خىتاينىڭ تايلاندتىكى زور ئىقتىسادىي تەسىرى سەۋەب بولغان.