شەرقىي تۈركىستاندىن بۇلاڭ-تالاڭ قىلىنغان توك مىقدارى يۇقىرى پەللىگە چىقتى

خىتاي بۇ يىل 1-پەسىلدە شەرقىي تۈركىستاندىن بۇلاڭ-تالاڭ قىلىپ، سىرتقا يەتكۈزگەن توك مىقدارى تارىختىكى ئوخشاش مەزگىلدىكى ئەڭ يۇقىرى پەللىگە يەتكەن.

خىتاي تەشۋىقات ئورگىنى ئاتالمىش «شىنجاڭ گېزىتى»نىڭ 19-ئاپرېلدىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئالدىنقى پەسىلدە شەرقىي تۈركىستاندىن خىتايغا توشۇلغان توك مىقدارى 32 مىليارد 400 مىليون كىلوۋات سائەت بولۇپ، بۇلتۇرقىدىن %13 ئاشقان. خەۋەردە بۇنىڭ تارىختىكى ئوخشاش مەزگىلدىكى ئەڭ يۇقىرى رېكورت ئىكەنلىكى ئىلاۋە قىلىنغان.س

بۇنىڭ ئىچىدە، سانجى - گۇچۈەن ئالاھىدە يۇقىرى بېسىملىق تۇراقلىق توك يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىدا 17 مىليارد 200 مىليون كىلوۋات سائەت توك يەتكۈزۈلگەن، قومۇلنىڭ جەنۇبى - جېڭجۇ ئالاھىدە يۇقىرى بېسىملىق تۇراقلىق توك يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىدا 11 مىليارد 900 مىليون كىلوۋات سائەت توك يەتكۈزۈلگەن. بۇ ئىككى لىنىيەدىن خىتايغا يەتكۈزۈلگەن توك مىقدارى سىرتقا يەتكۈزۈلگەن ئومۇمىي توك مىقدارىنىڭ %90ىنى ئىگىلىگەن.

خەۋەردە شەرقىي تۈركىستاننىڭ خىتايغا نىسبەتەن مۇھىم ئېنېرگىيە ئىشلەپچىقىرىش بازىسى ئىكەنلىكى، مول ئېنېرگىيە بايلىقىغا ئىگە ئىكەنلىكى، بۇ سەۋەبلىك خىتاينىڭ ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ۋەزىپىسى يۈكلەنگەنلىكى دەۋا قىلىنغان.

خىتاي شەرقىي تۈركىستاندىكى بۇلاڭ-تالاڭنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىگە ماس ھالدا كۈچەيتىۋاتقان بولۇپ، بۇ ئارقىلىق خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى ئىقتىساد، ئېنېرگىيە كىرىزىسىنى ھەل قىلىشقا تىرىشماقتا. يېقىنقى مەزگىللەردە خىتاينىڭ تۈرلۈك يىغىنلاردا شەرقىي تۈركىستاندىكى ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشنى تەكىتلىشى ئىشغالىيەت ئاستىدىكى بۇ زېمىننىڭ نۆۋەتتە خىتاي ئۈچۈن قانچىلىك مۇھىم ئورۇندا تۇرۇۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بەرمەكتە.

بۇ خەۋەر 62 قېتىم كۆرۈلدى
21/04/2025 15:45:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق