ئۇكرائىنا خىتاينىڭ رۇسىيەنى قورال-ياراغ بىلەن تەمىنلىگەنلىكىنى ئېلان قىلدى

ئۇكرائىنا ھۆكۈمىتى خىتاي ئەسكەرلىرىنىڭ رۇسىيە ئۈچۈن ئۇرۇش قىلىۋاتقانلىقىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، يەنە خىتاينىڭ رۇسىيەنى قورال-ياراغ بىلەن تەمىنلەۋاتقانلىقىنىمۇ تۇنجى قېتىم رەسمىي جاكارلىدى.

فىرانسىيە خەلقئارا  رادىيوسىنىڭ خەۋىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، ئۇكرائىنا پرېزىدېنتى ۋولودىمىر زېلېنسكىي 17-ئاپرېل مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، خىتاينىڭ رۇسىيەنى قورال-ياراغ ۋە ئوق-دورا بىلەن تەمىنلەۋاتقانلىقى توغرىسىدا ئۇكرائىنا بىخەتەرلىك ئورگانلىرىدىن ئاخباراتقا ئېرىشكەنلىكىنى، كېلەر ھەپتە بۇ توغرۇلۇق تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇر بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىنى، ئۇندىن باشقا ئۇكرائىنا ھۆكۈمىتى خىتاي تەرەپنىڭ رۇسىيە تەۋەلىكىدە بەزى قورال-ياراغلارنى ئىشلەپچىقىرىۋاتقانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بۇ ئۇكرائىنانىڭ خىتاينىڭ رۇسىيەنى قورال-ياراغ بىلەن تەمىنلىگەنلىكىنى  تۇنجى قېتىم ئاشكارا ئېلان قىلىشى ۋە ئەيىبلىشى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى لىن جيەن ئەتىسى مۇخبىرلارنىڭ بۇ ھەقتىكى سوئالىغا جاۋاب بېرىپ، بۇ ئەيىبلەشلەرنى ئىنكار قىلغان. ئۇ خىتاينىڭ ئۇرۇش قىلىۋاتقان ھېچقايسى تەرەپنى قورال-ياراغ بىلەن تەمىنلىمىگەنلىكىنى، ئۇكرائىنانىڭ بۇ ھەقتىكى قالايمىقان ئەيىبلەشلىرىگە قارشى تۇرىدىغانلىقىنى دەۋا قىلغان.

18-ئاپرېل ئۇكرائىنا ھۆكۈمىتى ئېلان قىلغان جازا تىزىملىكىگە رۇسىيەنىڭ شىركەت، ئورگانلىرىدىن باشقا، بېيجىڭ ئاۋىياتسىيە، ئالەم قاتنىشى شياۋخۈي تېخنىكا شىركىتى قاتارلىق ئۈچ خىتاي شىركىتىمۇ كىرگۈزۈلگەن. ئۇكرائىنا ئۇلارغا جازا يۈرگۈزۈش سەۋەبىنى ئېيتمىغان بولۇپ، مەزكۇر شىركەتلەرنىڭ ئۇكرائىنادا تىجارەت قىلىشى چەكلەنگەن ۋە مال-مۈلكى توڭلىتىلغان.

ئالدىنقى ھەپتە ئۇكرائىنا ئارمىيەسى ئىككى خىتاي ئەسكەرنى ئەسىرگە ئالغان بولۇپ، زېلېنسكىي ئۇرۇشقا قاتنىشىۋاتقان تېخىمۇ كۆپ خىتايلارنىڭ بارلىقىنى، كەم دېگەندە 155 خىتاينىڭ رۇسىيە ئۈچۈن ئۇرۇشقا قاتنىشىۋاتقانلىقىنى ئېلان قىلغانىدى.

بۇ خەۋەر 97 قېتىم كۆرۈلدى
19/04/2025 11:47:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق