گېرمانىيە خىتاي ماللىرىنىڭ بېسىپ كىرىشىدىن ئەندىشە قىلماقتا

گېرمانىيەنىڭ ۋەزىپىگە ئولتۇرۇش ئالدىدىكى باش مىنىستىرى ئاگاھلاندۇرۇپ، ئامېرىكا-خىتاي سودا ئۇرۇشىنىڭ تەسىرى سەۋەبلىك، خىتاي ماللىرىنىڭ گېرمانىيەنى بېسىپ كېتىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

گېرمانىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، گېرمانىيەنىڭ ۋەزىپىگە ئولتۇرۇش ئالدىدا تۇرۇۋاتقان باش مىنىستىرى فىرېدرىچ مېرز بۇ ھەقتە توختىلىپ، ھازىر خىتايدىن ھەركۈنى 400 مىڭدىن ئارتۇق پوسۇلكىنىڭ گېرمانىيەگە كىرىۋاتقانلىقىنى، بۇ ساننىڭ داۋاملىق ئېشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ يەنە: «شۇنى چوقۇم مۆلچەرلىشىمىز كېرەككى، بىز خىتاي ماللىرىغا بۇرۇنقىدىنمۇ بەكرەك كۆمۈلۈپ كېتىمىز» دەپ تەكىتلىگەن.

فىرېدرىچ مېرزنىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ ئېشىنچا مەھسۇلاتلىرى ياۋروپاغا ئېقىپ كىرىدىغان بولۇپ، يىراقنى كۆزلىگەندە، بۇ ھەرىكەت ياۋروپانىڭ ئىشلەپچىقارغۇچىلىرىغا ئېغىر زىيان يەتكۈزىدىكەن. ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى بۇ ھەقتە چوقۇم زۆرۈر تەدبىر قوللىنىشى كېرەك ئىكەن.

فىرېدرىچ مېرز كېلەر ئايدا رەسمىي ۋەزىپىگە ئولتۇرىدىغان بولۇپ، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد تىرامپ بىلەن سۆھبەتلىشىدىكەن. ئۇ ئامېرىكا-گېرمانىيە مۇناسىۋىتىنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقىنى تەكىتلىگەن.

خىتاينىڭ ئادىل بولمىغان تەرزدە رىقابەتلىشىش، ئېھتىياجدىن ئارتۇق ئىشلەپچىقىرىش، تولۇقلىما ياردىمى بېرىش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن، باشقا دۆلەتلەرنىڭ بازىرىغا، ئىشلەپچىقىرىش ساھەسىگە زەربە بېرىۋاتقانلىقى ئىزچىل تەنقىدلىنىپ كەلمەكتە. ياۋروپادا «خىتاي ماللىرى كەلكۈنى»گە دۇچ كېلىۋاتقان يالغۇز گېرمانىيەلا ئەمەس بولۇپ، ياۋروپا ئىتتىپاقى بۇلتۇر 8-ئايدا خىتاي ماللىرىغا قارشى تەكشۈرۈشنى قايتىدىن باشلىغانىدى. بۇ  ياۋروپانىڭ ئۆز سانائىتىنى قوغداشتىكى ئەڭ يېڭى ھەرىكىتى دەپ قارالغانىدى. ئامېرىكا-خىتاي سودا ئۇرۇشىنىڭ كۈنسېرى كەسكىنلىشىشىگە ئەگىشىپ، خىتاينىڭ باشقا دۆلەتلەردىكى تۆكمە قىلىپ سېتىش قىلمىشى تېخىمۇ كۈچەيگەن.

بۇ خەۋەر 110 قېتىم كۆرۈلدى
19/04/2025 11:38:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق