ۋاشىنگتونغا جايلاشقان ئەقىل ئامبىرى «ۋاشىنگتون ئىنستىتۇتى» 17-ئاپرېل بىر ئانالىز ماقالىسى ئېلان قىلغان بولۇپ، قايتىدىن قۇرۇلۇۋاتقان سۇرىيەدە خىتاينىڭ ئۆز ئورنىنى قايتا تەڭشەش ئۇرۇنۇشلىرى، سۇرىيەدىكى ئۇيغۇر مۇجاھىدلارنىڭ تەرەققىياتى، خىتاينىڭ ئىنكاسى، ئامېرىكىنىڭ سۇرىيەدىكى رولى قاتارلىق نۇقتىلار تەھلىل قىلىنغان.
مەزكۇر ئانالىز ماقالىسىدە ئەسەد رېجىمىنىڭ ئاغدۇرۇلۇشى ۋە ئەھمەد شەرئى باشچىلىقىدىكى يېڭى ھاكىمىيەتنىڭ باش كۆتۈرۈپ چىقىشى سەۋەبلىك، خىتاينىڭ بۇ رايوندىكى ئورنىنىڭ ئاستىن-ئۈستۈن بولۇپ كەتكەنلىكى، ئەسەد جەمەتى بىلەن ئالاھىدە يېقىن مۇناسىۋەتنى ساقلاپ كەلگەن ۋە ب د ت يىغىنلىرىدا ئىزچىل قوللاپ كەلگەن خىتاينىڭ سۇرىيەدە ھاكىمىيەت ئالمىشىپ، ئىككى ئايدىن كېيىنلا ئۆز ئەلچىسىنى ئەھمەد شەرئى بىلەن كۆرۈشۈشكە ئەۋەتكەنلىكى، بۇ ھەرىكەتلەر سۇرىيەنىڭ خىتايغا بولغان رايونلۇق ئەھمىيىتىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغانلىقى قەيت قىلىنغان.
ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، خىتاينىڭ ئەسەد رېجىمىنى قوللاپ كېلىشىدىكى يەنە بىر سەۋەب سۇرىيەدىكى ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئىستىخبارات ئۇچۇرىغا ئېرىشىش ئىكەن. خىتاينىڭ نەزىرىدە ئۇيغۇر جەڭچىلەر ۋەتەنگە قايتىپ بېرىپ خىتايغا تەھدىت شەكىللەندۈرۈش ئۈچۈن ۋاقىت كۈتۈۋاتقان بولۇپ، ھەقىقەتەن نۇرغۇن ئۇيغۇر جەڭچىلەر ئىگىلىگەن جەڭ تەجرىبىسىنى خىتايغا قارشى ئىشلىتىش ئارزۇسىنى ئىپادىلىگەن.
ئانالىز ماقالىسىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئەسەد رېجىمىنى ئاغدۇرۇشتىكى رولى ئالاھىدە تەكىتلەنگەن بولۇپ، بىر نەچچە ئۇيغۇر قومانداننىڭ يېڭى مۇداپىئە مىنىستىرلىقىدا ئوفىتسېرلىققا تەيىنلەنگەنلىكى، خىتاينىڭ بۇ ئۆزگىرىشلەرگە كۈچلۈك ئىنكاس قايتۇرۇپ، «خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئەزالىرى بىلەن تېررورىزمغا قارشى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش»كە قەسەم قىلغانلىقى قەيت قىلىنغان.
ماقالىدە يەنە ئەھمەد شەرئى ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايغا قاراتقان پوزىتسىيەسىمۇ ئانالىز قىلىنغان بولۇپ، ھاكىمىيەت بېشىغا چىققاندىن بۇيان سۇرىيەنىڭ يېڭى رەھبەرلىرىنىڭ خەلقئارالىق قوللاشقا ئېرىشىش ئۈچۈن، «دىپلوماتىك ھۇجۇم»غا ئۆتكەنلىكى، ھازىرغا قەدەر ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن 600 دىن ئارتۇق ئۇچرىشىش، سۆھبەتلەرنى ئىشقا ئاشۇرغانلىقى، ئەمما بۇلاردىن پەقەت تۆت قېتىملىقىنىڭ خىتاي بىلەن بولغانلىقى تىلغا ئېلىنغان.
ماقالىدە ئۇيغۇر مۇجاھىدلارنىڭ سۇرىيەدىكى ھەرىكەتلىرى ئىنچىكە ئانالىز قىلىنغان بولۇپ، ئالدىنقى ئايدا تۈركىستان ئىسلام پارتىيەسىنىڭ يېڭى نىزامنامە ئېلان قىلىپ، ئۆز ئىسمىنى «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام پارتىيەسى»گە ئۆزگەرتكەنلىكى، بۇ نىزامنامە تەشكىلاتنىڭ خەلقئارالاشقان جىھادىي ھەرىكەت ھالىتىدىن شەرقىي تۈركىستانغا مەركەزلەشكەن ھەرىكەتكە ئۆتكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغانلىقى، گەرچە بۇ ئۆزگىرىشنىڭ ئەمەلىي جەھەتتىن نېمىنى ئىپادىلەيدىغانلىقىنى ئالدىن مۆلچەرلەش ھازىرچە قىيىن بولسىمۇ، ئەمما خىتاينىڭ ئافغانىستان ۋە سۇرىيەدىكى ئۇيغۇر جەڭچىلەر ھەققىدىكى ئەندىشىلىرىنى شەكسىز كۈچەيتىدىغانلىقى تەكىتلەنگەن.
ماقالىنىڭ ئاخىرىدا، خىتاينىڭ يېڭى سۇرىيە ھاكىمىيىتى بىلەن مۇناسىۋەتنى ياخشىلاشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقى، ئەگەر ئامېرىكا ھۆكۈمىتى يېڭى سۇرىيە ھۆكۈمىتىگە ئاكتىپلىق بىلەن مۇئامىلە قىلمىغان تەقدىردە، خىتايغا پۇرسەت يارىتىپ بېرىش خەۋپى بارلىقى، خىتاينىڭ سۇرىيە بىلەن ئىشقا ئېشىشى مۇمكىن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنى توسۇش ئۈچۈن، ئامېرىكا ئەھمەد شەرئى ھۆكۈمىتى بىلەن ھەمكارلىشىش، جازا تەدبىرلىرىنى يېنىكلىتىش ۋە تېخىمۇ كەڭرى ئىقتىسادىي پۇرسەتلەرنى يارىتىپ بېرىش قاتارلىق پىلانلارنى تۈزۈشى كېرەكلىكى تەكىتلەنگەن.
تەييارلىغۇچى: ي. قۇرۇم