ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش» ئايلىق يىغىن ئېچىپ، ئاتالمىش «شىنجاڭنىڭ كۆپ مىللەت توپلىشىپ ئولتۇراقلىشىش، كۆپ خىل دىن تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش تارىخىنى ياخشى سۆزلەش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى خىزمىتىنى كۈچەيتىش» قاتارلىق ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتى ئىبارىلىرىنى تەكىتلىدى.
خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى تەشۋىقات ئورگىنى ئاتالمىش «شىنجاڭ گېزىتى»نىڭ خەۋىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش» 16-ئاپرېل ئايلىق سۆھبەت يىغىنى ئاچقان بولۇپ، سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى، قورچاق ئەمەلدار نۇرلان ئەبىلمەجىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلغان.
يىغىندا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى خىزمىتى بىلەن ئاساسىي قاتلام جەمئىيەت ئىدارە قىلىشنىڭ ئۈنۈملۈك يۇغۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش، خىتاي تىل-يېزىقىنى كېڭەيتىش سالمىقىنى زورايتىش، ئاتالمىش «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى»نى كۈچەيتىش، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئارىلىشىشى، يۇغۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇش قاتارلىق تېررور ئىبارىلىرى تەكىتلەنگەن.
نۇرلان ئەبىلمەجىن يىغىندا سۆز قىلىپ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ كۆپ مىللەت توپلىشىپ ئولتۇراقلىشىش، كۆپ خىل مەدەنىيەت يۇغۇرۇلۇش، كۆپ خىل دىن تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش تارىخىنى ياخشى سۆزلەش كېرەكلىكى، مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشنى گەۋدىلەندۈرۈش، خىتاي تىل-يېزىقى بويىچە تەربىيەلەشنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىش كېرەكلىكى ھەققىدە بىلجىرلىغان.
شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئەسلى ئىگىلىرى بولغان ئۇيغۇرلار ۋە باشقا تۈركىي خەلقلەرنىڭ مەدەنىيەت، ئېتىقاد، تىل-يېزىق، ئۆرپ-ئادەت... قاتارلىق بارلىق جەھەتلەردىن خىتايلاردىن پەرقلىق بولۇشى ئىشغالىيەتچى خىتاينىڭ تاجاۋۇزچىلىق تارىخىنى پاش قىلىدىغان ئەمەلىي ئىسپاتلا بولۇپ قالماي، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاننى پۈتۈنلەي خىتايلاشتۇرۇش پىلانىغا توسالغۇ بولۇپ كەلمەكتە. بۇ سەۋەبلىك خىتاي شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ دىنىي، مىللىي كىملىكىنى، تارىخىنى ئۆچۈرۈشكە، بۇرمىلاشقا ئۇرۇنۇپ كەلمەكتە.
بۇندىن ئىلگىرى ئېلان قىلىنغان ئاق تاشلىق كىتابلاردا خىتاي شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئەزەلدىن خىتايغا بېقىندى بولۇپ كەلگەنلىكى، ھەممە دىننىڭ، ھەممە مىللەتنىڭ تەڭ مەۋجۇت بولۇپ كەلگەنلىكى، ئىسلام دىنىنىڭ قورال كۈچى بىلەن خەلققە مەجبۇرىي تېڭىلغانلىقى، ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي خەلقلەرنىڭ ئىسلام مەدەنىيىتىگە ئەمەس، ئاتالمىش «جۇڭخۇا مەدەنىيىتى»گە تەۋە ئىكەنلىكىدەك سەپسەتىلىرىنى نومۇسسىزلارچە بازارغا سالغانىدى. بۇ قېتىملىق يىغىندا خىتاي مەزكۇر يالغان-ياۋىداقلىرىنى خەلققە ئالاھىدە تەشۋىق قىلىش، مەجبۇرىي سىڭدۈرۈش كېرەكلىكىنى باش تېما قىلغان.