ئامېرىكا خىتاينىڭ پاراخوتلىرىدىن ھەق ئالىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى

پۈتۈن دۇنيا ئامېرىكا-خىتاي سودا ئۇرۇشىغا دىققەت قىلىۋاتقان بولۇپ، تىرامپ ھۆكۈمىتى خىتاي پاراخوتلىرىدىن پورت ھەققى ئېلىش پىلانىنى ئاشكارىلىدى.

BBC نىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا سودا ۋەكىلى ئىشخانىسى ئېلان قىلغان مەزكۇر پىلان 2-ئايدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان پىلاندىن يۇمشاقراق تەرزدە بولۇپ، 180 كۈندىن كېيىن ئىجرا قىلىنىدىكەن ۋە كەلگۈسى بىر نەچچە يىلدا تەدرىجىي كۆپەيتىلىدىكەن.

بۇ تەدبىرنىڭ تىرامپنىڭ تاموژنا بېجى سىياسىتىگە قوشۇلۇپ، يەرشارىۋى سودىنى تېخىمۇ قالايمىقانلاشتۇرۇۋېتىشى ھەققىدە ئەندىشە قوزغالغان بولۇپ، ئامېرىكا سودا ۋەكىلى ئىشخانىسى باياناتىدا: «خىتاي ئاساسلىق نىشاننى ئەمەلگە ئاشۇردى. بۇ ئامېرىكا شىركەتلىرى، ئىشچىلىرى ۋە ئىقتىسادىغا كۆرۈنەرلىك پايدىسىز» دېگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي پاراخوتلىرىدىن ئېلىنىدىغان ھەق يۈكلەرنىڭ ئېغىرلىقى، ساندۇق سانى ياكى پاراخوتتىكى ماشىنىلارنىڭ سانىغا ئاساسەن ھېسابلىنىدىكەن. بۇ تەدبىرگە ئاساسەن، خىتاينىڭ پاراخوت ئىگىلىرى ۋە تىجارەتچىلىرىگە ھەر توننا يۈكتىن 50 دوللار ھەق ئېلىنىدىكەن ۋە كەلگۈسى ئۈچ يىلدا يىلىغا 30 دوللار ئۆستۈرۈلىدىكەن.

كەلگۈسى ئۈچ يىلدا خىتايدا ياسالغان پاراخوتلاردىن ھەر توننىسى ئۈچۈن 18 دوللار ياكى ھەر ساندۇق ئۈچۈن 120 دوللار ھەق ئېلىنىدىكەن ۋە تەدرىجىي ئۆستۈرۈلىدىكەن. ئۇندىن باشقا، ئامېرىكىنىڭ پورتلىرىغا قۇرۇق كېلىپ، كۆمۈر ياكى ئاشلىق قاتارلىق ئېكسپورت يۈكلىرىنى توشۇپ كېتىدىغان پاراخوتلاردىن ھەق ئېلىنمايدىكەن.

نۆۋەتتە ئامېرىكىنىڭ تاموژنا بېجى قارارى خىتايغا مەركەزلەشكەن بولۇپ، %245 كە يەتكەن. باشقا دۆلەتلەرنىڭ بولسا 7-ئايدىن بۇرۇن پەقەت %10 لىك باج تاپشۇرۇشى بېكىتىلگەن.

بۇ خەۋەر 109 قېتىم كۆرۈلدى
18/04/2025 15:18:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق