ئاقساراي جېك سۇلىۋاننىڭ خىتاي ھەققىدىكى سۆزلىرىگە ئىنكاس قايتۇردى

ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى سودا ئۇرۇشى قاتتىق كەسكىنلىشىۋاتقان بىر پەيتتە، ئامېرىكىنىڭ سابىق دۆلەت بىخەتەرلىك مەسلىھەتچىسى جېك سۇلىۋاننىڭ خىتايغا قاتتىق قول بولماسلىق ھەققىدىكى بايانلىرى ئاقساراينىڭ نارازىلىقىنى قوزغىدى.

بايدېن ھۆكۈمىتىدە دۆلەت بىخەتەرلىك مەسلىھەتچىسى بولۇپ ۋەزىپە ئۆتىگەن جېك سۇلىۋان ھازىر خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتى كېنىدى سىياسەت ئىنستىتۇتىنىڭ پىروفېسسورى بولۇپ، ئۇ يېقىندا سۆزلىگەن لېكسىيەسىدە تىرامپ ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايغا قاراتقان سىياسەتلىرىنى تەنقىد قىلغان.

ئۇ ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتىنىڭ مۇرەككەپلىكى ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك تەرەققىيات مۇساپىسىنى تونۇپ يەتمەي تۇرۇپ، ھېچكىم يېڭەلمەيدىغان توقۇنۇشنىڭ خاتا قارار ئىكەنلىكىنى، ئەسلىدە خىتاي بىلەن مۇقىم بولغان رىقابەت ھالىتىنى ساقلاش كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن.

دونالد تىرامپ ھاكىمىيەت بېشىغا چىققاندىن كېيىن، سابىق پىرېزىدېنت جوۋ بايدېن ۋە ئۇنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىك مەسلىھەتچىسى جېك سۇلىۋان يولغا قويغان نۇرغۇن سىياسەتلەرنى بىكار قىلغان. يېقىنقى بىر نەچچە ھەپتىدىن بۇيان «تاموژنا بېجى ئۇرۇشى» ئالاھىدە كەسكىنلەشكەن.

جېك سۇلىۋاننىڭ بۇ بايانلىرى تىرامپ ھۆكۈمىتىنى نارازى قىلغان بولۇپ، ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىك كومىتېتىنىڭ باياناتچىسى بىرايىن ھىيۇس بۇ ھەقتە ئىنكاس قايتۇرۇپ: «ئۇ (سۇلىۋان) ئاكادېمىكلىقىنى قىلىشى كېرەك. شۇندىلا ئۇنىڭ ھەرىكىتى دۇنيانى تېخىمۇ خەتەرلىك ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويمايدۇ» دېگەن.

بۇ خەۋەر 139 قېتىم كۆرۈلدى
18/04/2025 15:12:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق