«ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇقى قۇرۇلۇشى» يېڭى دوكلات ئېلان قىلىپ، ئىرقىي قىرغىنچىلىق داۋاملىشىۋاتقان شەرقىي تۈركىستاندا يەنىلا 200 گە يېقىن خەلقئارالىق مېھمانخانىنىڭ تىجارەت قىلىۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىدى.
ۋاشىنگتونغا جايلاشقان ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتى «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇقى قۇرۇلۇشى» 17-ئاپرېل يېڭى دوكلات ئېلان قىلىپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ چاقىرىقلىرى ۋە ئاگاھلاندۇرۇشلىرىغا قارىماي، 189 خەلقئارالىق مېھمانخانىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا تىجارەت قىلىۋاتقانلىقىنى ياكى تىجارەت قىلىشنى پىلانلىغانلىقىنى كۆرسەتتى. بۇنىڭ ئىچىدە 115 مېھمانخانا ئاللىبۇرۇن شەرقىي تۈركىستاندا مەۋجۇت بولۇپ، يەنە ئاز دېگەندە 74 مېھمانخانا قۇرۇلۇش ياكى پىلانلاش باسقۇچىدا ئىكەن.
دوكلاتتا ئېيتىلىشىچە، مېھمانخانا سانىنىڭ تېز سۈرئەتتە ئېشىشى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا «ئىرقىي قىرغىنچىلىق ساياھىتى» تەشۋىقاتىنى كۈچەيتىش، ساياھەت نۇقتىلىرىنى كۆپەيتىش ھەرىكىتى بىلەن ماس قەدەمدە بولغان. خىتاي تەشۋىقات ۋاسىتىلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 2024-يىلى شەرقىي تۈركىستانغا تەخمىنەن 300 مىليون ساياھەتچى بارغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە 5 مىليونى چەت ئەللىك ساياھەتچى ئىكەن. بۇ سان 2023-يىلىدىكىدىن %50 ئارتۇق ئىكەن.
دوكلاتتا تىلغا ئېلىنغان خەلقئارالىق مېھمانخانىلار قاتارىدا فىرانسىيەنىڭ Accor، Hilton شىركەتلىرى، ئەنگلىيەنىڭ IHG گۇرۇھى، Marriott ۋWyndham قاتارلىق تونۇلغان شىركەتلىرى بار بولۇپ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئوخشىمىغان جايلىرىدا ئۇلارنىڭ مېھمانخانىلىرى بار ئىكەن. دوكلاتتا مەزكۇر مېھمانخانىلارنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى مەۋجۇتلۇقىنىڭ ئەمەلىيەتتە خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى جىنايەتلىرىنى نورماللاشتۇرۇشقا ياردەم بېرىدىغانلىقى تەكىتلەنگەن.
ئۇندىن باشقا Accor شىركىتىنىڭ ئۈرۈمچىدىكى بىر مېھمانخانىسىنىڭ ئاتالمىش «تەربىيەلەش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئارتۇق ئەمگەك كۈچى» نامىدىكى جازا لاگېرىغا، مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىشلىق ئىكەنلىكى دوكلاتتا قەيت قىلىنغان.
دوكلاتتا مەزكۇر مېھمانخانىلارنىڭ ھەممىسىنىڭ خەلقئارالىق ئىنسان ھەقلىرى ئۆلچەملىرىنى قوبۇل قىلىش ھەققىدىكى ۋەدىسىگە ئاساسەن، شەرقىي تۈركىستاندىكى تىجارەت پائالىيەتلىرىنى دەرھال تەكشۈرۈشى كېرەكلىكى، كېڭەيتىش پىلانلىرىنى توڭلىتىشى، پائالىيەتلەرنى توختىتىشى ۋە تىجارەت ئالاقىلىرىنى ئۈزۈشى كېرەكلىكى، شۇنداقلا شەرقىي تۈركىستاندىن چىقىپ كېتىش قارارىنى ئاشكارا ئېلان قىلىشى كېرەكلىكى تەلەپ قىلىنغان.
دوكلاتتا تىلغا ئېلىنغان Hilton گۇرۇھى بۇندىن ئىلگىرى كۆپ قېتىم تەنقىدكە ئۇچرىغان بولۇپ، مەزكۇر شىركەتنىڭ خوتەندىكى چېقىۋېتىلگەن بىر مەسچىت ئورنىغا مېھمانخانا سېلىشى كۈچلۈك نارازىلىق قوزغىغانىدى. 2021-يىلى سېنتەبىردە ئامېرىكا-ئىسلام مۇناسىۋىتى كېڭىشى ۋە باشقا 40 نەچچە خەلقئارالىق تەشكىلات بىرلىكتە، Hilton گۇرۇھىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاي تەرىپىدىن چېقىۋېتىلگەن مەسچىتنىڭ ئورنىدا مېھمانخانا سېلىش پىلانىغا قارشى، Hilton مېھمانخانىسىنى خەلقئارادا بايقۇت قىلىشقا چاقىرغانىدى.