خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇر ئاكادېمىكلارنى، ئەمەلدارلارنى باستۇرۇش، ئورنىغا خىتايلارنى ئورۇنلاشتۇرۇشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان بولۇپ، شەرقىي تۈركىستاندىكى ئەڭ چوڭ ئۇنىۋېرسىتېت بولغان ئاتالمىش «شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى»نىڭ مۇدىرلىقىغا يەنىلا خىتاي تەيىنلەنگەن.
خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا سىستېمىلىق ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈشكە باشلىغاندىن تارتىپ، تۈرلۈك باھانىلەر بىلەن ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئۇيغۇر ئاكادېمىكلارنى، يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلارنى كۆزدىن يوقاتقان بولۇپ، شەكىلگە بولسىمۇ ئۇيغۇرلارنى ۋەزىپىگە قويىدىغان ۋەزىيەتمۇ ئاساسەن يوقالغان.
خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئاتالمىش «شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى»نىڭ مۇدىرلىقىغا ما شىنبىن ئىسىملىك خىتاي تەيىنلەنگەن بولۇپ، ئۇ 2024-يىلى 11-ئايدىن تارتىپ مەزكۇر ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ۋە پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارى ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن. ئۇنىڭ ئالدىدىكى ئۇنىۋېرسىتېت مۇدىرىمۇ ئوخشاشلا خىتاي بولۇپ، بۇلتۇر 11-ئايدا ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلغان.
شەرقىي تۈركىستاندىكى تارىخى ئۇزۇن ۋە ئەڭ چوڭ ئۇنىۋېرسىتېت بولغان ئاتالمىش «شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى»نىڭ مۇدىرلىق ۋەزىپىسىنى يېقىنقى يىللارغىچە ئۇيغۇرلار ئۆتەپ كەلگەن بولۇپ، پىروفېسسور تاشپولات تېيىپ 2017-يىلى «ئىككى يۈزلىمىچىلىك» باھانىسى بىلەن تۇتقۇن قىلىنىپ، مۇدىرلىق ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلانغانىدى ۋە ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەنلىكى ئېلان قىلىنغانىدى. ئۇنىڭ ئورنىغا مۇدىرلىققا تەيىنلەنگەن ۋەلى باراتمۇ ئۇزۇن ئۆتمەي «ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىش» باھانىسى بىلەن تۇتقۇن قىلىنىپ كېسىۋېتىلگەن بولۇپ، مەزكۇر ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ ئاخىرقى ئۇيغۇر مۇدىرى بولۇپ قالغانىدى.
ئۇندىن باشقا، بۇلتۇر ئاتالمىش «شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى»نىڭ 100 يىللىقى خاتىرىلەنگەن ئالاھىدە مۇراسىمدا سەھنىدىكى خەتلەرنىڭ پۈتۈنلەي خىتايچە يېزىلىپ، ھېچقانداق ئۇيغۇرچە خەتنىڭ بولماسلىقى، ئەمەلدارلارنىڭ ئۇنىۋېرسىتېتنى شى جىنپىڭنىڭ يوليورۇقى بويىچە «قىزىل ئۇنىۋېرسىتېت»قا ئايلاندۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلىشى دىققەت قوزغىغانىدى.