خىتاي «بىر بەلباغ، بىر يول» پىلانى ئارقىلىق ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تەسىرىنى داۋاملىق كۈچەيتىشكە ئۇرۇنۇۋاتقان بولۇپ، بۇ ھەپتە قازاقىستاندا ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ ۋەكىللىرىنى يىغىپ، مەخسۇس يىغىن ئاچقان.
شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، 16-ئاپرېل قازاقىستاننىڭ ئالمۇتىدا شەھىرىدە ئاتالمىش «خىتايچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ۋە خىتاي-ئوتتۇرا ئاسىيا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى» تېمىسىدا يىغىن ئۆتكۈزۈلگەن. يىغىنغا قازاقىستان، قىرغىزىستان، تاجىكىستان، ئۆزبېكىستان ۋە تۈركمەنىستاننىڭ ھۆكۈمەت، ئەقىل ئامبىرى، تاراتقۇ، كارخانا ۋە خىتاي مەبلەغ سالغان ئورگانلارنىڭ ۋەكىللىرى قاتناشقان بولۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسى ۋە خىتاي-ئوتتۇرا ئاسىيا باشلىقلار يىغىنى مېخانىزمىنىڭ مۇزاكىرە قىلىنغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.
مەزكۇر يىغىنغا شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ ئالمۇتا شۆبىسى ۋە قازاقىستاننىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» مۇتەخەسسىسلەر كۇلۇبى ساھىبخانلىق قىلغان بولۇپ، خىتاي خەۋىرىدە يىغىنغا قاتناشقانلارنىڭ خىتايچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ مۇقىم تەرەققىياتىنى ماختىغانلىقى، بۇنىڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ مۇستەقىل ھالدا زامانىۋىلىشىشقا قاراپ مېڭىشتىكى ئۈلگىسى ئىكەنلىكىنى، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەت ئۈچۈن مۇھىم پايدىلىنىش ئەھمىيىتىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقى دەۋا قىلىنغان.
خىتاينىڭ ئالمۇتىدىكى باش كونسۇلى جياڭ ۋېي سۆزىدە خىتاينىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسىنى ئاساسلىق سۇپا قىلىپ، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ، خىتاي-ئوتتۇرا ئاسىيا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى خالايدىغانلىقى ھەققىدە جار سالغان.
ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ۋەكىللىرىمۇ ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن خىتاينىڭ ئىقتىساد، سودا، مائارىپ، مەدەنىيەت ۋە ساياھەت قاتارلىق نۇرغۇن ساھەلەردە ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزىدىغان ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرالايدىغانلىقىنى، ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەكلىكىنى تەكىتلەشكەن.
خىتاي ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىدىكى تەسىرىنى، يۇمشاق كۈچىنى داۋاملىق زورايتىۋاتقان بولۇپ، تۈرلۈك ۋاسىتىلەر بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيانى يۇتۇۋېلىش قارا نىيىتىدىن ئاشكارىلاپ كەلمەكتە. مۇتەخەسسىسلەر، ئانالىزچىلار بولسا بۇ ھەقتە ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىنى خىتاينىڭ ھەقىقىي يۈزىنى تونۇشقا، تۈرلۈك تۇزاقلىرىدىن ئاگاھ بولۇشقا چاقىرماقتا.