تىرامپ ھۆكۈمىتى خىتايغا غايەت زور مىقداردا باج قويغاندىن كېيىن، يەنە خىتاينىڭ سۈنئىي ئەقىل سۇپىسى DeepSeek نى چەكلەشنى پىلانلىغان.
نىيۇيورك ۋاقىت گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، تىرامپ ھۆكۈمىتى خىتاي شىركىتى DeepSeek كە قارىتا كونترول تەدبىرىنى كۈچەيتىشنى ئويلىشىۋاتقان بولۇپ، ئامېرىكىدىكى بارلىق ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ ئۇنىڭ مۇلازىمىتىنى ئىشلىتىشنى پۈتۈنلەي چەكلىشى مۇمكىن ئىكەن.
ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بۇ ھەپتە كەسكىن قارار چىقىرىپ، Nvidia شىركىتىنىڭ خىتايغا سۈنئىي ئەقىل ئۆزەكلىرىنى ئېكسپورت قىلىشىنى چەكلىگەنىدى. Nvidia شىركىتى بولسا بۇ قارار سەۋەبلىك، شىركىتىنىڭ 5.5 مىليارد دوللار زىيانغا ئۇچرايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.
ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ خىتاي ئىشلىرى ئالاھىدە كومىتېتى بىر دوكلاتىدا Nvidiaغا خەت ئەۋەتىپ، شىركەتنىڭ خىتاي ۋە شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيادىكى سېتىشىغا مۇناسىۋەتلىك جاۋابلارنى تەلەپ قىلغانلىقىنى، نۆۋەتتە خىتاي شىركىتى DeepSeek نىڭ 60 مىڭ تال Nvidia ئۆزىكىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى، بۇنىڭ ئىچىدىكى 20 مىڭ ئۆزەكنىڭ ئەمەلىيەتتە ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتايغا ئېكسپورت قىلىشىنى چەكلىگەن ئۆزەكلەر ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
DeepSeek بازارغا سېلىنىپ، قىسقا ۋاقىت ئىچىدە پۈتۈن دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتقان بولسىمۇ، ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ ئۇچۇرلىرىنى توپلاش ۋە تېخنىكىلىق سىرلارنى ئوغرىلاش مەشغۇلاتلىرى ئەندىشە قوزغاپ كەلمەكتە. بۇ سەۋەبلىك ئامېرىكىنىڭ نىيۇيورك ئىشتاتىدىكى ھۆكۈمەت ئۈسكۈنىلىرىدە مەزكۇر دېتالنى ئىشلىتىلىش رەسمىي چەكلەنگەنىدى. ئىتالىيەنىڭ ئالاقىدار دائىرىلىرىمۇ خىتاي شىركىتى DeepSeek نى تەكشۈرۈشكە باشلىغانىدى. ئۇندىن باشقا كورىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بەزى تارماقلىرى مەزكۇر سۈنئىي ئەقىل سۇپىسىنى ئىشلىتىشنى چەكلىگەن بولۇپ، ئاۋسترالىيە ۋە تەيۋەنمۇ ئوخشاش تەدبىر قوللانغانغانىدى.