فىلىپپىن خىتاينىڭ مەخپىي سۇ ئاستى ئۈسكۈنىلىرىنى بايقىغانلىقىنى ئېلان قىلدى

ئامېرىكا بىلەن فىلىپپىننىڭ بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىرى يېقىنلىشىۋاتقان بىر مەزگىلدە، خىتاينىڭ ئادەمسىز يۈرەلەيدىغان سۇ ئاستى ئۈسكۈنىلىرىنىڭ مەخپىي ئۇچۇر توپلىغانلىقى ئاشكارىلاندى.

فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، فىلىپپىن ھەربىي قىسمى 15-ئاپرېل فىلىپپىن بېلىقچىلىرىنىڭ بەش تال سۇ ئاستى ئۈسكۈنىسىنى بايقىغانلىقىنى، بۇ ئۈسكۈنىلەرنىڭ سۇ ئاستى ئۇرۇشىغا ئالاقىدار ئۇچۇرلارنى توپلىيالايدىغانلىقىنى، ئاز دېگەندە بىر ئۈسكۈنىنىڭ ئاللىبۇرۇن خىتايغا مەلۇمات يوللاپ بولغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

مەزكۇر ئۈسكۈنىلەر فىلىپپىن بىلەن ئامېرىكىنىڭ بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىرى يېقىنلىشىۋاتقان بىر مەزگىلدە بايقالغان بولۇپ، تەخمىنەن ئون مىڭ ئەسكەر قاتنىشىدىغان ھەربىي مانېۋىر 21-ئاپرېلدىن 9-مايغىچە ئۆتكۈزۈلىدىكەن.

فىلىپپىن بىلەن خىتاينىڭ مۇناسىۋىتى دېڭىز رايونىدىكى تالاش-تارتىش سەۋەبلىك كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان بولۇپ، خىتاينىڭ ئىغۋاگەرچىلىك، زومىگەرلىك قىلمىشلىرى ۋەزىيەتنى تېخىمۇ جىددىيلەشتۈرگەن.

ئۇندىن باشقا، بىر نەچچە كۈن بۇرۇن گۇگۇل شىركىتىنىڭ خەرىتىسىدىكى يەر نامىدا ئۆزگىرىش بولغانلىقىمۇ خەلقئارانىڭ دىققىتىنى قوزغىغان. گۇگۇل خەرىتىسىدە فىلىپپىننىڭ غەربىدىكى دېڭىز تەۋەلىكى «جەنۇبىي دېڭىز» (نەنخەي) ئەمەس، بەلكى فىلىپپىن ھۆكۈمىتى رەسمىي بېكىتكەن «غەربىي فىلىپپىن دېڭىزى» دەپ كۆرۈنگەن. بۇندىن ئىلگىرى بۇ ئىسىم پەقەت مەخسۇس ئىزدىگەن ۋاقىتتىلا كۆرۈنىدىغان بولۇپ، نۆۋەتتە بىۋاسىتە ھالەتتە كۆرۈنىدىغان قىلىپ تەڭشەلگەن.

فىلىپپىن ئەمەلدارلىرى بۇنىڭغا مەخسۇس ئىپادە بىلدۈرۈپ، قارىماققا بۇنىڭ ھېچقانچە چوڭ ئۆزگىرىش ئەمەستەك كۆرۈنىدىغانلىقىنى، ئەمما ئۇ خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ فىلىپپىننىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى ئېتىراپ قىلغانلىقىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى بۇ ھەقتىكى سوئالغا بىۋاسىتە جاۋاب بېرىشتىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ، «جەنۇبىي دېڭىز» دېگەن نامنىڭ خەلقئارادا ئېتىراپ قىلىنغانلىقىنى، ئۇزۇندىن بۇيان ئىشلىتىپ كەلگەنلىكىنى دەۋا قىلىش بىلەن كۇپايىلەنگەن.

بۇ خەۋەر 227 قېتىم كۆرۈلدى
16/04/2025 13:40:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق