ئۇكرائىنا دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، ئالدىنقى ھەپتە ئەسىرگە چۈشكەن ئىككى خىتاي ئەسكەرنى مۇخبىرلار ئالدىدا سۆزلەتكۈزدى.
ئۇكرائىنا تاراتقۇلىرىنىڭ ئالاقىدار خەۋىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، ئۇكرائىنا دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسى 14-ئاپرېل كىيىۋدىكى بىر ئاخبارات مەركىزىدە مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزگەن بولۇپ، ئالدىنقى ھەپتە ئەسىرگە چۈشكەن ئىككى خىتاي قوللىرى باغلانغان ھالدا يالاپ ئېلىپ كېلىنگەن. ئۇلار مۇخبىرلارغا خىتايچە سۆزلەپ، ئۆزلىرىنىڭ ئۇكرائىنانىڭ دونېتسك رايونىدىكى ئۇرۇشتا ئەسىرگە چۈشكەنلىكىنى، توردا تارقالغان ئېلان ئارقىلىق رۇسىيە ئارمىيەسىگە قاتناشقانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئۇلارنىڭ بىرسى ئۆزلىرىنىڭ خىتايغا قايتقۇسى بارلىقىنى، خىتاي رېجىمىنىڭ بۇ ھەقتە ئۆزلىرىگە ياردەم قىلىشىنى، يەنى رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنا ئوتتۇرىسىدىكى ئەسىر ئالماشتۇرۇشتا قۇتۇلۇپ خىتايغا قايتىپ كېتىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى، ھەقىقىي ئۇرۇشنىڭ كىنولاردا تەسۋىرلەنگەندەك ئەمەسلىكىنى بىلدۈرگەن.
يەنە بىر خىتاي ئەسىر بولسا ئۇرۇشقا قاتنىشىشنى خالايدىغان باشقا خىتايلارنى بۇ ھەقتە ئاگاھلاندۇرىدىغانلىقىنى، چۈنكى رۇسىيەدىن ئاڭلىغانلىرىنىڭ پۈتۈنلەي يالغان سۆزلەر ئىكەنلىكىنى، ئەمەلىيەتتە رۇسىيەنىڭ ئۇنچىۋالا كۈچلۈك ئەمەس، ئۇكرائىنانىڭمۇ ئۇنچىلىك ئاجىز ئەمەسلىكىنى ئېيتقان.
ئۇكرائىنا دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسى مەزكۇر خىتاي ئەسكەرلەرنىڭ رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بىلەن توختاملاشقانلىقىنى، ئۇلارغا تۇنجى قېتىمدا زور مىقداردا نەق پۇل مۇكاپات ۋە كېيىنكى ھەر ئايدا 200 مىڭدىن 250 مىڭ رۇبلىغىچە (تەخمىنەن 2000-3000 دوللار) ھەق بېرىلگەنلىكىنى ئاشكارىلىغان.
ئالدىنقى ھەپتە مەزكۇر خىتاي ئەسكەرلەر ئەسىرگە چۈشكەندىن كېيىن، ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋولودىمىر زېلېنسكىي 9-ئاپرېل مۇخبىرلارغا بايانات بېرىپ، ئۇرۇشقا قاتنىشىۋاتقان تېخىمۇ كۆپ خىتايلارنىڭ بارلىقىنى تەكىتلەپ: «ئىسىم-فامىلىسى، پاسپورت مەلۇماتلىرى بار 155 خىتاي پۇقراسى ئۇكرائىنا زېمىنىدا ئۇكرائىنالىقلارغا قارشى ئۇرۇشماقتا» دېگەنىدى ۋە خىتاي تەرەپنىڭ بۇ ئىشنى بىلىدىغانلىقىنى ئىلاۋە قىلغانىدى. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى بولسا بۇ قىلمىشىنى ئىنكار قىلىپ، رۇسىيە ئۈچۈن ئۇرۇشقان خىتاي ئەسكەرلىرىنىڭ شەخسىي سالاھىيەت بىلەن ئۇرۇشقا قاتناشقانلىقىنى، خىتاي رېجىمىنىڭ ئىزچىل ھالدا رۇسىيەدىكى پۇقرالىرىنى قوراللىق توقۇنۇشقا ئارىلاشماسلىق ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇپ كەلگەنلىكىنى دەۋا قىلغانىدى.