خىتاي ئۇيغۇرلار ۋە باشقا تۈركىي خەلقلەرگە ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈش بىلەن بىرگە، شەرقىي تۈركىستاننى مەجبۇرىي ئەمگەك لاگېرىغا ئايلاندۇرۇۋاتقان بولۇپ، خىتاي شىركەتلىرىنى شەرقىي تۈركىستانغا مەبلەغ سېلىشقا، زاۋۇت قۇرۇشقا تەشكىللىمەكتە.
خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى تەشۋىقات ئورگىنى تەڭرىتاغ تورىنىڭ 15-ئاپرېلدىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئالدىنقى پەسىلدە شەرقىي تۈركىستان بويىچە ئىجرا قىلىنغان سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىش تۈرى 1778، سىرتتىن كىرگۈزۈلۈپ نەقلەشتۈرۈلگەن مەبلەغ 161 مىليارد 627 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %22 كە يېقىن ئاشقان. بۇنىڭ ئىچىدە «ئون چوڭ كەسىپ» تۈرى 1435 بولۇپ، نەقلەشتۈرۈلگەن مەبلەغ 142 مىليارد 474 مىليون يۈەن بولغان. خۇسۇسەن نېفىت-تەبىئىي گاز، كۆمۈر، يېڭىچە ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى ئىشلەپچىقىرىش، پىششىقلاش قاتارلىقلار كۆرۈنەرلىك ئاشقان بولۇپ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاننىڭ تەبىئىي بايلىقلىرىنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىش سالمىقىنى زورايتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بەرگەن.
خىتاينىڭ دۆلەت كارخانىلىرى ئاساسلىقى شامال ئېنېرگىيەسى، قۇياش ئېنېرگىيەسى، نېفىت خىمىيە سانائىتى، كۆمۈر قاتارلىق ساھەلەرگە مەبلەغ سالغان بولۇپ، ئاتالمىش «ياردەم بېرىش» نامىدا خىتاينىڭ پىلانلىرىنى ئىجرا قىلىۋاتقان ئۆلكىلەر ۋە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەرنىڭ مەبلەغلىرىمۇ مۇھىم ئورۇننى ئىگىلىگەن.
خىتاي دۆلەت ئىگىلىكىدىكى شىركەت-كارخانىلارنى تەشكىللەپلا قالماي، پۇقراۋى كارخانىلارنىمۇ شەرقىي تۈركىستانغا ئورۇنلىشىشقا بۇيرۇۋاتقان بولۇپ، ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق» تەبىئىي بايلىق نازارىتى بۇ يىل 2-ئايدا بېيجىڭدا تۈر تونۇشتۇرۇش يىغىنى ئاچقانىدى. مەزكۇر تۈرلەر مەدەنىيەت-ساياھەت، دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق، چارۋىچىلىق، بېلىقچىلىق، سانائەت قاتارلىق 1270 كە يېقىن تۈرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، قىممىتى تەخمىنەن 870 مىليارد يۈەنگە يەتكەنىدى.
خىتاي رېجىمى بىر تەرەپتىن خىتاي شىركەتلىرىنى شەرقىي تۈركىستانغا ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئۇيغۇرلارنى ئەرزان ئەمگەك كۈچى سۈپىتىدە مەجبۇرىي ئەمگەككە سالسا، يەنە بىر تەرەپتىن زور تۈركۈمدىكى خىتاي ئاققۇنلىرىنى ئالاھىدە تەمىناتلار بىلەن شەرقىي تۈركىستانغا يۆتكەپ يەرلەشتۈرمەكتە.