خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى چېن ۋېنچىڭ ئالدىنقى ھەپتە شەرقىي تۈركىستاننى بىر نەچچە كۈن زىيارەت قىلىپ، ئاتالمىش «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش»تا تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇش كېرەكلىكى ھەققىدە جار سالدى.
خىتاي تەشۋىقات ئورگىنى ئاتالمىش «شىنجاڭ گېزىتى»نىڭ خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي-قانۇن كومىتېتىنىڭ سېكرېتارى چېن ۋېنچىڭ 10-ئاپرېلدىن 13-ئاپرېلغىچە شەرقىي تۈركىستانغا تەكشۈرۈشكە بارغان ۋە بۇ جەرياندا ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى داۋاملاشتۇرۇش كېرەكلىكىگە ئىشارەت قىلغان.
ئۇ تەكشۈرۈش جەريانىدا خىتاي رېجىمىنىڭ شەرقىي تۈركىستاننى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش، جەمئىيەت مۇقىملىقى نىشانىدا چىڭ تۇرۇش، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشتا چىڭ تۇرۇش قاتارلىق تېررور سىياسىتى ئىبارىلىرىنى تەكىتلىگەن.
چېن ۋېنچىڭ بۇ قېتىملىق تەكشۈرۈشتە خوتەن، قەشقەر، ئاقسۇ، ئۈرۈمچى قاتارلىق جايلارغا بارغان بولۇپ، ئاتالمىش «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، تېررورلۇقنىڭ ئالدىنى ئېلىش، مۇقىملىقنى قوغداش» سىياسىتىنىڭ ئەمەلىيلىشىش ئەھۋالىنى، ئالاقىدار خىزمەتلەرنى تەكشۈرگەن ۋە بۇ يىل ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى» قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى ئىكەنلىكى، بۇ سەۋەبلىك زوراۋانلىق، تېررورلۇقنى قاتتىق جازالاشتا قەتئىي تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇش كېرەكلىكى، زوراۋانلىق، تېررورلۇق ۋەقەسى يۈز بەرمەسلىك تۆۋەن چېكىنى قەتئىي ساقلاش، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسى تۇپرىقىنى يوقىتىش كېرەكلىكى ھەققىدە جار سالغان.
چېن ۋېنچىڭ زىيارەت جەريانىدا يەنە چېگرا مۇداپىئەسىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن بولۇپ، چېگرا سىرتىدىكى ئاتالمىش «ئۈچ خىل كۈچ»نىڭ قايتا ئېقىپ كىرىشى، سىڭىپ كىرىشىنى توسۇش، زوراۋانلىق، تېررورلۇق تەھدىتىنى دۆلەت سىرتىدا قەتئىي توسۇش كېرەكلىكىنى دەۋا قىلغان.
بۇلاردىن سىرت، ئۇ يەنە خىتاي تىل-يېزىقىنى ئومۇملاشتۇرۇش، ئاتالمىش «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى»دا چىڭ تۇرۇش، «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش» قاتارلىق تېررور سىياسىتى ئىبارىلىرىنى تەكرارلىغان.
چېن ۋېنچىڭ بۇلتۇر 5-ئايدىمۇ شەرقىي تۈركىستانغا بېرىپ، قەشقەر، غۇلجا، ئۈرۈمچى ۋە 4-دىۋىزىيە قاتارلىق جايلارنى تەكشۈرگەن بولۇپ، ئوخشاشلا ئاتالمىش «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش، چېگرا مۇداپىئەسىنى كۈچەيتىش» قاتارلىق تېررور سىياسەتلىرىنى تەكىتلىگەنىدى.
خىتاينىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارىنىڭ شەرقىي تۈركىستانغا بېرىپ، تېررور سىياسىتى ئىبارىلىرىنى تەكرارلىشى ۋە چېگرا مۇداپىئەسىنى كۈچەيتىشنى تەكىتلىشى خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىغا ئىشارەت قىلماقتا ۋە خىتاينىڭ خەلقئارادىكى ئۆزگىرىشلەرنىڭ شەرقىي تۈركىستانغا كۆرسىتىدىغان تەسىرىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بەرمەكتە.