تايلاند ھۆكۈمىتى خەلقئارانىڭ چاقىرىقلىرى ۋە بېسىمىغا قارىماي، 27-فېۋرال 40 ئۇيغۇرنى خىتايغا تاپشۇرۇپ بەرگەندىن كېيىن، تايلاند بىلەن خىتاينىڭ ھەرقايسى ساھەلەردىكى مۇناسىۋىتى تېخىمۇ قويۇقلاشماقتا.
خىتاي تەشۋىقات ئورگىنى تەڭرىتاغ تورىنىڭ خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، تايلاند كاسىكورن بانكىسىنىڭ باش دىرېكتورى چېن بوۋېي 13-ئاپرېل ئۈرۈمچىگە زىيارەتكە بارغان بولۇپ، ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى»نىڭ سېكرېتارى ما شىڭرۈي قاتارلىق خىتاي ئەمەلدارلىرى ئۇنى ئالاھىدە كۈتۈۋالغان.
ئىككى تەرەپ سۆھبەت جەريانىدا خىتاي-تايلاند دوستلۇقىنىڭ نەچچە مىڭ يىلدىن بۇيان داۋاملىشىپ كەلگەنلىكىنى تەكىتلىگەن بولۇپ، ما شىڭرۈي شەرقىي تۈركىستان بىلەن شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى ۋە باشقا رايون دۆلەتلىرىگە ئېچىۋېتىشنى داۋاملىق كېڭەيتىدىغانلىقى، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزىدىغان ھەمكارلىقنى كۈچەيتىدىغانلىقى، كاسىكورن بانكىسى ۋە تايلاند شىركەتلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستان بىلەن بولغان ئالاقىنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ، پۇل-مۇئامىلە ۋە سانائەت ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقى ھەققىدە جار سالغان.
چېن بوۋېنمۇ كاسىكورن بانكىسىنىڭ شەرقىي تۈركىستان بىلەن بولغان ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى، سانائەت تەرەققىياتى، سودا ۋە مەبلەغ سېلىش ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ پۇل-مۇئامىلە مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىنى، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئورۇن ئەۋزەللىكىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، ئوتتۇرا ئاسىيا، ياۋروپا قاتارلىق بازارلارنى ئېچىشقا كۈچەيدىغانلىقىنى دەۋا قىلغان.
ئۇندىن باشقا، خىتاينىڭ تايلاندتىكى باش ئەلچىخانىسى بىر نەچچە كۈن بۇرۇن تايلاندلىقلارنىڭ يېڭى يىل بايرىمى ھېسابلىنىدىغان سوڭكران بايرىمى ئۈچۈن مەخسۇس بىر تەبرىك ۋىدىيوسى ھەمبەھرىلىگەن بولۇپ، مەزكۇر ۋىدىيودا بىر ئۇيغۇر قىزنىڭ ئالاھىدە گەۋدىلەندۈرۈلۈشى دىققەت قوزغىدى.
مەزكۇر تەشۋىقات ۋىدىيوسىدا خىتايدىكى بىر قىسىم ئاز سانلىق مىللەت كىشىلىرى ۋە ئۇيغۇر دوپپىسى ۋە ئەتلەس كىيىم كىيگەن بىر «ئۇيغۇر قىز» كۆرسىتىلگەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ تايلاندتىكى ئوقۇغۇچىلار ئىكەنلىكى، تايلاند خەلقىنىڭ يېڭى يىل بايرىمىنى تەبرىكلەيدىغانلىقى، خىتاي بىلەن تايلاند خەلقىنىڭ قول تۇتۇشۇپ ئورتاق ئىلگىرىلەيدىغانلىقى دەۋا قىلىنغان.
تايلاند ھۆكۈمىتى ئون نەچچە يىلدىن بېرى تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇرلارنى قايتۇرۇش نىيىتى يوق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ۋە خەلقئارانىڭ بېسىمىغا دۇچ كەلگەن بولۇشىغا قارىماي، 27-فېۋرال 40 ئۇيغۇرنى خىتايغا مەجبۇرىي ئۆتكۈزۈپ بەرگەنىدى. بۇ سەۋەبلىك كۈچلۈك تەنقىدكە دۇچ كەلگەندىن كېيىن، تايلاند مۇئاۋىن باش مىنىستىرى ۋە مۇداپىئە مىنىستىرى پۇمتام ۋېچاياچاي، ئەدلىيە مىنىستىرى تاۋى سودسوڭ ۋە بىر قىسىم ھەربىي ئەمەلدارلار 18-مارت شەرقىي تۈركىستانغا «زىيارەت»كە بېرىپ، قايتۇرۇلغان ئۇيغۇرلارنىڭ خاتىرجەم، بىخەتەر ياشاۋاتقانلىقى ھەققىدە بىلجىرلاپ، جىنايىتىنى ئاقلاشقا ئۇرۇنغانىدى. تايلاند ھۆكۈمىتى خىتاينى رەنجىتىپ قويۇشتىن ئەنسىرەپ، مەزكۇر ئۇيغۇرلارنى قايتۇرۇپ بەرگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغان بولۇپ، ئىككى تەرەپنىڭ يەڭ ئىچىدە قانداق سودا قىلغانلىقى، تايلاند ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ «تۆھپىسى» ئارقىلىق خىتايدىن قانداق مەنپەئەتلەرگە ئېرىشكەنلىكى ھازىرچە نامەلۇم تۇرماقتا.
تايلاند ھۆكۈمىتى 40 ئۇيغۇرنى خىتايغا تاپشۇرۇپ بەرگەندىن كېيىن، جىنايەتلىرىنى پەردازلاش ئۈچۈن، بۇندىن ئىلگىرى ھېچقانداق دۆلەتنىڭ ئۇيغۇرلارنى قوبۇل قىلىشنى خالىمىغانلىقىنى دەۋا قىلغانىدى. ئەمما ئامېرىكا، كانادا ۋە ئاۋسترالىيەنىڭ ئىلگىرى مەزكۇر ئۇيغۇرلارنى ئورۇنلاشتۇرۇش تەكلىپى سۇنغانلىقى ئاشكارىلانغاندىن كېيىن، تايلاند ھۆكۈمىتى يالغان بايانىنى ئۆزگەرتىپ، بۇنى ئېتىراپ قىلىشقا مەجبۇر بولغانىدى.
تايلاند ھۆكۈمىتى قالغان سەككىز ئۇيغۇرنىڭ تايلاند قانۇنىغا خىلاپلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن، داۋاملىق تايلاندتا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن بولۇپ، شەرقىي تۈركىستان ئۇلۇسال مەنپەئەت مەركىزىنىڭ رەئىسى رۇقىيە تۇردۇش خانىم 12-ئاپرېل فېيسبۇك ھېسابىدا بىر ئۇچۇر ھەمبەھرىلەپ، شۇ كۈنى تايلاند تۈرمىسىدىكى ئۈچ ئۇيغۇرنىڭ كاناداغا سالامەت يېتىپ كەلگەنلىكىنى ئېلان قىلدى. ئەمما تاراتقۇلار بۇ ھەقتە تېخى رەسمىي خەۋەر ئېلان قىلمىدى. بۇ خۇش خەۋەر تايلاندتىكى قالغان ئۇيغۇرلارنىڭ تەقدىرىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقان مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنى خۇرسەن قىلدى.