گوللاندىيەنىڭ پارلامېنت ئەزاسى سىتېفان ۋان بارلې بىر تەكلىپ لايىھەسى سۇنۇپ، گوللاندىيە ھۆكۈمىتىنى «شەرقىي تۈركىستان» دېگەن ئىسىمنى ئىشلىتىشكە چاقىردى.
گوللاندىيەدىكى Denk پارتىيەسىنىڭ رەئىسى ۋە پارلامېنېت ئەزاسى سىتېفان ۋان بارلې 9-ئاپرېل پارلامېنتقا بىر تەكلىپ لايىھەسى سۇنۇپ، ھۆكۈمەتنىڭ بارلىق ئالاقىلىرىدا ۋە ھۆججەتلىرىدە «شىنجاڭ» دېگەن نامنى ئەمەس، بەلكى «شەرقىي تۈركىستان» دېگەن ئىسىمنى ئىشلىتىشنى تەلەپ قىلدى.
ئۇ تەكلىپ لايىھەسىدە «شەرقىي تۈركىستان» ئاتالغۇسىنىڭ تارىخىي نام ئىكەنلىكىنى، «شىنجاڭ»نىڭ بولسا مۇستەملىكە نامى ئىكەنلىكىنى، كۆپ ساندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ «شەرقىي تۈركىستان» دېگەن ئىسىمنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى، ھۆكۈمەتنىڭ بارلىق ئالاقىلىرىدا «شەرقىي تۈركىستان» دېگەن ئىسىمنى ئىشلىتىشنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
گوللاندىيە ئۇيغۇرلار ئۈچۈن كۆپ قېتىم ئاۋاز چىقارغان، شۇنداقلا ئۇيغۇرلار بىر قەدەر كۆپ ئولتۇراقلاشقان ياۋروپا دۆلىتى بولۇپ، 2021-يىلى 2-ئايدا گوللاندىيە پارلامېنتى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى جىنايەتلىرىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ بېكىتكەنىدى.
«شەرقىي تۈركىستان» ئاتالغۇسى خىتاينىڭ تاجاۋۇزچىلىق جىنايىتىگە، شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىقىغا ئىشارەت قىلىدىغان كۈچلۈك سىياسىي پۇراققا ئىگە ئاتالغۇ بولۇپ، بۇ سەۋەبلىك بارلىق دۆلەتلەر، جۈملىدىن ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئاۋاز چىقارغان، قارار ماقۇللىغان دۆلەتلەرمۇ ئىزچىل تەرىقىدە «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى» دېگەن ئاتالغۇنى قوللىنىپ كەلمەكتە. نۆۋەتتە گوللاندىيە پارلامېنتىغا بۇ ھەقتە رەسمىي تەكلىپ لايىھەسىنىڭ سۇنۇلۇشى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە دەپ قارالماقتا.