زۇلۇمغا چىدىمىغان ئۇيغۇرلار ھاياتىنىڭ خەۋپكە ئۇچرىشىغا قارىماي نالە قىلماقتا

خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى خەلقنى نورمال ھايات كەچۈرۈشتىن مەھرۇم قىلغان بولۇپ، ھەر جەھەتتىن زۇلۇمغا ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇرلار جېنىنى ئالىقىنىغا ئېلىپ قويۇپ، ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا نالە-پەرياد كۆتۈرمەكتە.

يېقىندا تارقالغان بىر نەچچە سىن خىتاي رېجىمىنىڭ، ئاققۇن خىتايلارنىڭ ۋە خىتاي ئۈچۈن سادىقلىق بىلەن خىزمەت قىلىۋاتقان قورچاق ئەمەلدارلارنىڭ قاتمۇقات زۇلمى ئاستىدا ئېزىلىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ قانداق ھايات كەچۈرۈۋاتقانلىقىنى مەلۇم دەرىجىدە كۆرسىتىپ بەردى. مەزكۇر سىنلار مۇھاجىرەتتىكى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا كۆپلەپ تارقىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ قاتتىق غەزىپىنى قوزغىدى.

تارقالغان سىن غۇلجا ناھىيەسىدىكى بىر ئۇيغۇر دېھقان تەرىپىدىن تارتىلغان بولۇپ، ئۇ سىندا دېھقانلارنىڭ ئېغىر كۈنگە قالغانلىقىنى، ئۆزىنىڭ بۇندىن ئىلگىرى 18 مو يېرىگە تايىنىپ تىرىكچىلىك قىلىدىغانلىقىنى، ئەمما ئەمەلدارلارنىڭ يەرنى مەجبۇرىي تارتىۋالغانلىقىنى، ھازىر ئۆزىگە پەقەت تۆت مو يەر قالغانلىقىنى، پەرزەنتلىرىنى ئوقۇتقۇدەك پۇلى قالمىغانلىقىنى كۆز ياشلىرى بىلەن بايان قىلغان ۋە باشقىلارنى بۇ ھەقتە ياردەم قىلىشقا چاقىرغان.

بۇنىڭ كەينىدىنلا تارتىلغان يەنە بىر نەچچە سىندا ئۇ ئۆزىنىڭ بېشىغا بىرەر ئىش كېلىپ قېلىشىغا پەرۋا قىلمايدىغانلىقىنى، چۈنكى ھاياتتىن جاق تويغانلىقىنى بىلدۈرگەن ۋە مەھەللە كومىتېتىغا بېرىپ شىكايەت قىلغان. ئەمما ئەمەلدارلار، ساقچىلار ئۇنىڭ سۆزلىرىگە پەرۋا قىلمايلا قالماستىن، زوراۋانلىق ۋاسىتىسى بىلەن ئۇنى ئىشخانىدىن ئىتتىرىپ قوغلاپ چىقارغان. ئۇ يەنە بىر سىندا دەرد تۆكۈپ، ئۆزىنىڭ ھېچقانداق ئىقتىسادى قالمىغانلىقىنى، پەرزەنتلىرىنى مەكتەپكە ئەۋەتكۈدەك پۇلىمۇ قالمىغانلىقىنى ئېيتقان.

بۇ سىنلار ئالدىنقى ھەپتە تىك توكنىڭ خىتايدىكى نۇسخىسى بولغان دوۋيىن سۇپىسى ئارقىلىق تارقىتىلغان بولۇپ، نۆۋەتتە ھەممىسى تولۇق ئۆچۈرۈلگەن. مەزكۇر سىننى تارقاتقان ئۇيغۇرنىڭ تەقدىرى نامەلۇم بولسىمۇ، ئەمما خىتاينىڭ قاتتىق جازاسىغا، قىيىن-قىستاقلىرىغا ئۇچرايدىغانلىقىنى پەرەز قىلىش تەس ئەمەس.

خىتاي يىللاردىن بۇيان تور دۇنياسىدا خىتاينىڭ جىنايەتلىرىنى پاش قىلغان ھەرقانداق ئاۋازنى تېز سۈرئەتتە ئۆچۈرۈپ، جازالاپ كەلگەن بولۇپ، سىستېمىلىق ئىرقىي قىرغىنچىلىق باشلانغاندىن بۇيان بۇ خىل نازارەت، كونتروللۇق مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە كۈچەيتىلگەن. ئۇيغۇر دېھقاننىڭ ھاياتىنىڭ خەۋپكە ئۇچرايدىغانلىقىنى ئېنىق بىلىپ تۇرۇپ، مەزكۇر سىنلارنى تارقىتىشى خىتاينىڭ تېررور سىياسىتىنىڭ چىدىغۇسىز دەرىجىگە بېرىپ يەتكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەرمەكتە.

ھالبۇكى، ئۇيغۇرلارنىڭ يەرلىرىنى مەجبۇرىي تارتىۋېلىپ، ئىقتىسادىي جەھەتتىن ۋەيران قىلىۋاتقان، باستۇرۇۋاتقان خىتاي رېجىمى خىتاي ئاققۇنلىرىنى زور مىقداردا ھەقسىز يەر، ھەقسىز ئۆي، يۇقىرى تەمىنات بىلەن شەرقىي تۈركىستانغا يەرلەشتۈرۈش پىلانىنى تېز سۈرئەتتە ئىجرا قىلماقتا ۋە كۈچەپ تەشۋىق قىلماقتا.

بۇ خەۋەر 583 قېتىم كۆرۈلدى
14/04/2025 16:50:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق