خىتاي كونىنى يېڭىغا ئالماشتۇرۇش نامىدا ئىقتىسادىي كاساتچىلىقىنى ھەل قىلماقتا

خىتاي كۈنسېرى ئاجىزلىشىۋاتقان ئىقتىسادىي كىرىزىسىنى ھەل قىلىش ۋە ئېھتىياجدىن ئارتۇق ئىشلەپچىقىرىش سەۋەبلىك سېتىلماي قالغان خىتاي ماللىرىنى مەجبۇرىي تارقىتىش ئۈچۈن، كونىنى يېڭىغا ئالماشتۇرۇش پائالىيىتىنى ئالاھىدە تەشۋىق قىلىۋاتقان بولۇپ، شەرقىي تۈركىستاندا تېخىمۇ كەڭ كۆلەملىك ئىجرا قىلىنغان.

ئاتالمىش «شىنجاڭ رادىيو-تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى»نىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، 6-ئاپرېلغا قەدەر، شەرقىي تۈركىستاندا تور سۇپىسىنىڭ كونىنى يېڭىغا ئالماشتۇرۇش تەشۋىقاتى نەتىجىسىدە، ئائىلە ئېلېكتر سايمانلىرى ۋە رەقەملىك مەھسۇلاتلار ئىستېمالى 180 مىليون يۈەنگە يەتكەن.

خىتاي بۇ ھەرىكىتىنى كەڭ كۆلەملىك ئىجرا قىلىش ئۈچۈن، شەرقىي تۈركىستاندا ئائىلە ئېلېكتر سايمانلىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىغا ئالماشتۇرىدىغان تور سېتىش قانىلى ئاچقان. خىتاينىڭ ھەرقايسى تور سودىسى تور بەتلىرىدىن سېتىۋالغۇچىلارغا تولۇقلىما پۇلى بېرىلگەن.

خىتاينىڭ مەھسۇلاتلارنى قەستەن ئېھتىياجتىن ئارتۇق ئىشلەپچىقىرىش قىلمىشى كۆپلىگەن دۆلەتلەرنىڭ نارازىلىقىنى قوزغاپ كەلگەن بولۇپ، خىتاينىڭ ئادىل بولمىغان رىقابەت ئارقىلىق باشقا دۆلەتلەرنىڭ بازىرى ۋە شىركەتلىرىنى قالايمىقان قىلغانلىقى تەنقىد قىلىنىپ كەلگەن ۋە بۇنىڭغا قارشى بىر قىسىم تەدبىرلەر يولغا قويۇلغان. خىتاي تۈرلۈك بېسىم ۋە جازالار سەۋەبلىك دۇچ كەلگەن كىرىزىسلىرىنى «كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش» دېگەندەك سىياسەتلەر بىلەن ھەل قىلىشقا ئۇرۇنۇپ كەلمەكتە. خۇسۇسەن ئىرقىي قىرغىنچىلىق داۋاملىشىۋاتقان شەرقىي تۈركىستاندا بۇ خىل سىياسەتلەرنىڭ خەلققە مەجبۇرىي ئىجرا قىلىنىدىغانلىقى ھەممىگە مەلۇم بىر ئەھۋال بولۇپ كەلمەكتە.

بۇ خەۋەر 426 قېتىم كۆرۈلدى
14/04/2025 16:29:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق