خىتاي ياۋروپادا شەرقىي تۈركىستان ھەققىدىكى ساختا تەشۋىقات ھەرىكىتى باشلىدى

خىتاي بۇ يىلمۇ چەت ئەللەردە ئاتالمىش «شىنجاڭ ياخشى جاي» تېمىسىدىكى ساختا تەشۋىقات ھەرىكىتىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان بولۇپ، بۇ ھەپتە فىرانسىيە ۋە ۋېنگىرىيەدە تەشۋىقات پائالىيىتى تەشكىللىگەن.

خىتاي خەۋەر تورىنىڭ ئالاقىدار خەۋىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، 2025-يىللىق ئاتالمىش «شىنجاڭ ياخشى جاي» تېمىسىدىكى تەشۋىقات پائالىيىتى 11-ئاپرېل  فىرانسىيە پايتەختى پارىژدىكى خىتاي مەدەنىيەت مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن. مەزكۇر پائالىيەتنى خىتاي مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقى، ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق» مەدەنىيەت، ساياھەت نازارىتى ۋە پارىژدىكى خىتاي مەدەنىيەت مەركىزى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان.

پائالىيەتتە شەرقىي تۈركىستاننىڭ مەدەنىيەت ۋە ساياھەت بايلىقىنى تەشۋىق قىلىش تېمىسىدا سەنئەت نومۇرلىرى، رەسىم كۆرگەزمىسى، كىيىم-كېچەك ۋە مەدەنىيەت مىراسلىرى كۆرگەزمىسى ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، شەرقىي تۈركىستانغا ئالاقىدار تەشۋىقات فىلىمى قويۇلغان. خىتاي پائالىيەتتە بۇرۇنقىدەكلا شەرقىي  تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى پەردازلاپ، خەلقنىڭ باياشات، ئەركىن ياشاۋاتقانلىقىنى دەۋا قىلغان.

خىتاي تەشۋىقات ۋاسىتىلىرى يەنە خىتاي ئۆمىكى بىلەن بىللە بارغان ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز ئۇسسۇلچىلارنىڭ پارىژدىكى داڭلىق ئېففېل تۆمۈر مۇنارىنى ئارقا كۆرۈنۈش قىلىپ ئۇسسۇل ئويناۋاتقان كۆرۈنۈشىنى تارقاتقان.

خىتاي بىر نەچچە يىلدىن بۇيان شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى يوشۇرۇش ئۈچۈن، بېيجىڭ ۋە ئۈرۈمچىدە شەرقىي تۈركىستان توغرۇلۇق ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنلىرىنى ئېچىپ، ساختا ئىسپات ۋە ئالدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان گۇۋاھچىلار بىلەن بارلىق جىنايەتلىرىنى ئىنكار قىلىپ كەلدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئاسىيا، ياۋروپا، ئامېرىكا ۋە ئافرىقىدىكى نۇرغۇنلىغان دۆلەتلەردە ئاتالمىش «شىنجاڭ ياخشى جاي» تېمىسىدىكى پىلانلىق ساختا تەشۋىقات ھەرىكىتى تەشكىللەش ئارقىلىق، چەت ئەل سىياسىيونلىرىنىڭ، خەلقىنىڭ كۆزىنى بوياشقا ئۇرۇنۇپ كەلمەكتە.

بۇ خەۋەر 411 قېتىم كۆرۈلدى
14/04/2025 16:28:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق