مۇستافا دەستىجى: شەرقىي تۈركىستاندا زۇلۇم ئاخىرلاشمىغۇچە ئىمپورت توختىتىلىشى كېرەك

تۈركىيە بۈيۈك بىرلىك پارتىيەسى رەئىسى مۇستافا دەستىجى شەرقىي تۈركىستان ھەققىدە توختىلىپ، تاكى زۇلۇم ئاخىرلاشقانغا قەدەر، خىتايدىن ئىمپورت قىلىشنى توختىتىش كېرەكلىكى ھەققىدە چاقىرىق قىلدى.

تۈركىيە بۈيۈك بىرلىك پارتىيەسىنىڭ رەئىسى مۇستافا دەستىجى 9-ئاپرېل ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، خىتاي بىلەن تۈركىيەنىڭ سودا تەڭپۇڭسىزلىقى ھەققىدە توختىلىپ، تۈركىيەنىڭ خىتايدىن 44 مىليارد دوللارلىق تاۋار ئىمپورت قىلىدىغانلىقىنى، ئەمما خىتايغا پەقەت 3 يېرىم مىليارد دوللارلىق تاۋار ئېكسپورت قىلىدىغانلىقىنى، قىزىل رەقەمنىڭ دەل بۇ زور تەڭپۇڭسىزلىقتىن كېلىپ چىقىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.

مۇستافا دەستىجى خىتايدىن ئىمپورت قىلىنىۋاتقان مەھسۇلاتلارنى ئەمەلىيەتتە تۈركىيەنىڭمۇ ئىشلەپچىقىرالايدىغانلىقىنى ياكى باشقا دۆلەتلەردىن ئىمپورت قىلالايدىغانلىقىنى قەيت قىلىپ، شەرقىي تۈركىستاندىكى زۇلۇم ئاخىرلاشمىغۇچە، ئالاقىدار ئىمپورتنى توختىتىش كېرەكلىكىنى، بارلىق خىتاي ماللىرىغا كەم دېگەندە %100 قوشۇمچە تاموژنا بېجى قويۇش كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

مۇستافا دەستىجى ئىلگىرىمۇ شەرقىي تۈركىستان ئۈچۈن، ئۇيغۇرلار ئۈچۈن كۆپ قېتىم ئاۋاز چىقارغان بولۇپ، خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا ئىشغال، زۇلۇم، قەتلىئام ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان بىر ۋەزىيەتتە، بۇلارنى توختىتىش ئۈچۈن «زۆرۈر بولسا، ئۇرۇشمۇ قىلىمىز» دېگەن ئىبارىلەرنى كەسكىن ئوتتۇرىغا قويغانىدى.

بۇ خەۋەر 394 قېتىم كۆرۈلدى
14/04/2025 16:26:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق