خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا خىتاي-پاكىستان سەنئەت ئالماشتۇرۇش كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزگەن بولۇپ، ئاساسلىق تېما ئىسلام مەدەنىيىتى ۋە سەنئىتىگە ئەمەس، بەلكى بۇددا دىنى ھەيكەلتىراشچىلىقىغا مەركەزلەشتۈرۈلگەن.
مەزكۇر كۆرگەزمىنى خىتاي سەنئەت فوندى بىلەن چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى گۈزەل سەنئەت ئىنستىتۇتى تەشكىللىگەن بولۇپ، ئاتالمىش «ئورتاق يۇغۇرۇلۇش نۇرى − خىتاي . پاكىستان سەنئەت ئالماشتۇرۇش كۆرگەزمىسى» تېمىسى بىلەن، ئۈرۈمچىدىكى گۈزەل سەنئەت سارىيىدا ئۆتكۈزۈلگەن.
كۆرگەزمىنىڭ پاكىستان بىلەن ھەمكارلىشىپ ئۆتكۈزۈلۈشى ۋە شەرقىي تۈركىستانغا ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىغا قارىماي، باش تېما ئىسلام مەدەنىيىتى، تارىخى ۋە سەنئىتى بولماستىن، بەلكى بۇددا مەدەنىيىتىگە ئالاقىدار رەسىم، ھەيكەل، قۇرۇلمىلىق سەنئەت قاتارلىقلار كۆرگەزمىگە قويۇلغان.
خەۋەردە بۇ ئەسەرلەرنىڭ تارىختىكى خىتاي بىلەن چەت ئەلنىڭ مەدەنىيلىكىنى تۇتاشتۇرغانلىقى، بۇددا سەنئىتىنىڭ ئەمەلىيەتتە قەدىمكى دەۋردىكى شەرق بىلەن غەربنىڭ مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشىنىڭ گۇۋاھچىسى ئىكەنلىكى دەۋا قىلىنغان.
كۆرگەزمە زالىغا تىزىلغان بۇتلارنىڭ كۆپەيتىلگەن نۇسخىسى ئۈچ ئۆلچەملىك تەسۋىر كۆچۈرۈش ۋە بېسىش تېخنىكىسى قوللىنىلىپ ياسالغان بولۇپ، بۇنىڭ پاكىستان بۇددا سەنئىتىنىڭ كىلاسسىك ھەيكەلتىراشلىقىنى ئەكس ئەتتۈرگەنلىكى، كۆرگەزمە بۇيۇملىرىنىڭ خىتاي-پاكىستان ھەمكارلىقىدىكى بۇددا سەنئىتىنى رەقەملەشتۈرۈپ قوغداش تۈرىدىن كەلگەنلىكى قەيت قىلىنغان.
خىتاي يېقىنقى يىللار مابەينىدە شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىگە ماس ھالدا، ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىنى، مەدەنىيىتى، سەنئىتىنى بۇرمىلاشقا، خىتايلارغا مەجبۇرىي باغلاشقا ئۇرۇنماقتا ۋە بۇ قېتىمقى كۆرگەزمىگە ئوخشاش تۈرلۈك ۋاسىتىلەر بىلەن بۇ ھەقتىكى سەپسەتىلىرىنى خەلقئاراغا تارقىتىشقا، ئېتىراپ قىلدۇرۇشقا تىرىشماقتا.