ئامېرىكا خىتايغا قويغان باجنى %145 كە چىقاردى

خىتاي ئامېرىكا ماللىرىغا %50 باج قوشۇپ ئۆچ ئالغاندىن كېيىن، ئامېرىكا خىتايغا قاراتقان تاموژنا بېجىنى %125 كە چىقارغان بولۇپ، ئاقساراي بۇنىڭ دەسلەپكى قەدەمدە قويۇلغان باجنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

خىتاي ئامېرىكىنىڭ بېكىتكەن مۇددىتىگە پىسەنت قىلماي، 9-ئاپرېل ئامېرىكا ماللىرىغا يەنە %50 باج قوشۇپ، ئومۇمىي باج مىقدارىنى %84 كە يەتكۈزگەندىن كېيىن، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد تىرامپ خىتايغا قارىتىلغان ئومۇمىي باجنى %104 تىن بىراقلا %125 كە ئۆستۈرگەنىدى ۋە دەرھال كۈچكە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلغانىدى. ئاقساراي بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىپ، بۇنىڭ 2-ئايدا قويۇلغان باجنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. بۇنىڭ بىلەن ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتايغا قويغان باج %145 كە يەتتى.

خىتاي تىرامپ ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ھەرىكىتىدىن ئۆچ ئېلىش ئۈچۈن، 12-ئاپرېلدىن تارتىپ ئامېرىكا ماللىرىدىن ئېلىنىدىغان باجنىڭ %84 تىن %125 كە ئۆستۈرۈلگەنلىكىنى ئېلان قىلدى ۋە ئامېرىكا بىلەن ئاخىرىغىچە تۇتىشىدىغانلىقى ھەققىدە جار سالدى.

سودا ئۇرۇشىنىڭ كۈچىيىشى دۇنيا ئىقتىسادىغا زور تەسىر كۆرسىتىۋاتقان بولۇپ، پاي چېكى بازىرىدا زور داۋالغۇش كۆرۈلمەكتە.

بۇ خەۋەر 342 قېتىم كۆرۈلدى
14/04/2025 16:16:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق