خىتاي ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىدىن ئەسكەر ئېلىشنى كۈچەيتمەكتە

دۇنيا ۋەزىيىتى بارغانسېرى جىددىيلىشىۋاتقان، ئېنىقسىزلىق كۈچىيىۋاتقان بىر مەزگىلدە، خىتاي ھەربىي قىسىملىرى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىدىن ئەسكەر ئېلىش تەشۋىقاتىنى كۈچەيتمەكتە.

يېقىندا خىتاي مائارىپ مىنىستىرلىقى ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ، ھەرقايسى جايلاردىكى ئالىي مەكتەپلەردىن ئەسكەر ئېلىش تەشۋىقاتىنى مەكتەپلەرگە كىرگۈزۈش خىزمىتىنىڭ سالمىقىنى زورايتىش، ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئارمىيەگە قاتنىشىش قىزغىنلىقىنى ئۇرغۇتۇش، ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى، بولۇپمۇ بۇ يىل ئوقۇش پۈتكۈزىدىغان ئوقۇغۇچىلارنى ئارمىيەگە پائال قاتنىشىشقا رىغبەتلەندۈرۈش ۋە يېتەكلەش قاتارلىقلارنى تەلەپ قىلغان.

ئۇقتۇرۇشتا ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ دۇنيادا بىرىنچى قاتاردا تۇرىدىغان ئارمىيە قۇرۇشتىكى مۇھىم ئىختىساسلىقلار بايلىقى ئىكەنلىكى، ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىدىن ئەسكەر ئېلىش تەشۋىقاتىنى ياخشى ئىشلەشنى دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيەنى زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا مۇلازىمەت قىلىشتىكى ئۇل قۇرۇلۇش قىلىش كېرەكلىكى، ياش ئوقۇغۇچىلارنىڭ شەخسىي غايىسىنى دۆلەت، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇشقا يېتەكلەش كېرەكلىكى دەۋا قىلىنغان.

ئۇقتۇرۇشتا يەنە ئەسكەر ئېلىش تەشۋىقاتىنى مەكتەپلەرگە كىرگۈزۈش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش، قويۇق تەشۋىقات كەيپىياتى يارىتىش كېرەكلىكى، ھەربىي سەپكە كىرىش «يېشىل يولى»نى راۋانلاشتۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ ياش ئوقۇغۇچى، بولۇپمۇ ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنى ھەربىي سەپكە قاتنىشىشقا ئىلھاملاندۇرۇپ، 8-ئاينىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن شۇ يىلى ئوقۇش پۈتكۈزىدىغان ئوقۇغۇچىلارنى ئالدىن ئەسكەرلىككە ئېلىش خىزمىتىنى تاماملاش كېرەكلىكى تەكىتلەنگەن.

بۇلاردىن سىرت، خىتاي خەلق تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي رېجىمى بۇ ھەپتە خىتاي ئارمىيەسىنىڭ دورا باشقۇرۇش قانۇنىنى يولغا قويۇش چارىسىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈپ ئېلان قىلغان بولۇپ، مەزكۇر چارىدە دورا زاپىسىنى باشقۇرۇشىنى كۈچەيتىپ، دورا بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش، ئارمىيەنىڭ دورىلارنى زاپاس ساقلاش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئارمىيەنىڭ دورا سېتىۋېلىشنى باشقۇرۇشىنى قېلىپلاشتۇرۇش قاتارلىقلار تەكىتلەنگەن.

نۆۋەتتە خىتاينىڭ دېڭىز رايونىدىكى قوشنا دۆلەتلەرگە، خۇسۇسەن تەيۋەنگە قاراتقان تەھدىتلىرى ۋە يولسىز قىلمىشلىرى بارغانسېرى كۆپەيگەن، بۇ سەۋەبلىك ۋەزىيەت تېخىمۇ جىددىيلەشكەن، شۇنداقلا ئۇكرائىناغا قارشى رۇسىيە قوشۇنىدا خىتاي ئەسكەرلىرىنىڭ بارلىقى ئاشكارىلانغان بىر ۋەزىيەتتە، خىتاينىڭ ئوقۇغۇچىلاردىن ئەسكەر ئېلىشنى جىددىي كۈچەيتىۋاتقانلىقى دىققەت قوزغىماقتا. 

بۇ خەۋەر 354 قېتىم كۆرۈلدى
14/04/2025 16:14:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق