ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋولودىمىر زېلېنسكىي ئەڭ ئاز دېگەندە 155 خىتاينىڭ رۇسىيە تەرەپتە تۇرۇپ ئۇرۇشقا قاتنىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
زېلېنسكىي 9-ئاپرېل مۇخبىرلارغا بايانات بېرىپ، ھۆكۈمەت توپلىغان ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا، توقۇنۇشقا قاتنىشىۋاتقان تېخىمۇ كۆپ خىتايلارنىڭ بارلىقىنى تەكىتلىگەن ۋە: «ئىسىم-فامىلىسى، پاسپورت مەلۇماتلىرى بار 155 خىتاي پۇقراسى ئۇكرائىنا زېمىنىدا ئۇكرائىنالىقلارغا قارشى ئۇرۇشماقتا» دېگەن. ئۇ يەنە خىتاي رېجىمىنىڭ بۇ ئىشنى بىلىدىغانلىقىنى ئىلاۋە قىلغان.
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى لىن جيەن تۈنۈگۈن بۇ ھەقتىكى سوئالغا جاۋاب بېرىپ: «خىتاي ئۇكرائىنا كىرىزىسىنىڭ پەيدا قىلغۇچىسىمۇ ئەمەس، قاتناشقۇچىسىمۇ ئەمەس. بىز كىرىزىسنىڭ تىنچ يول بىلەن ھەل قىلىنىشىنى قەتئىي قوللايدىغان ۋە ئاكتىپ ئىلگىرى سۈرىدىغان تەرەپمىز» دەپ بىلجىرلىغان. ئۇ يەنە رۇسىيە ئۈچۈن ئۇرۇشقا قاتناشقان خىتاي ئەسكەرلىرىنىڭ شەخسىي سالاھىيىتى بىلەن قاتناشقانلىقىنى، خىتاي رېجىمىنىڭ ئىزچىل ھالدا رۇسىيەدىكى پۇقرالىرىنى قوراللىق توقۇنۇشقا ئارىلاشماسلىق ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇپ كەلگەنلىكىنى دەۋا قىلغان.
زېلېنسكىينىڭ ئېيتىشىچە، مەزكۇر خىتاي ئەسكەرلىرى ئۇكرائىنادىكى جەڭ مەيدانىغا ئەۋەتىلىشتىن بۇرۇن، موسكۋادا تەربىيەلىنىپ، قولىغا ئالاقىدار ھۆججەت ۋە ئىش ھەققى تاپشۇرۇلىدىكەن. ئۇX ھېسابىدا ئىككى خىتاي ئەسكىرىنىڭ سوراق قىلىنىۋاتقانلىقى كۆرسىتىلگەن بىر ۋىدېئونى ئېلان قىلغان.
مەزكۇر ئەسكەرلەر خىتاي تىلىدا ئۆز كەچۈرمىشىنى ۋە قانداق ئەسىرگە چۈشكەنلىكىنى سۆزلىگەن. ئۇلارنىڭ بىرى: «بۇ مېنىڭ تۇنجى قېتىم ۋەزىپە ئۆتەپ جەڭگە قاتنىشىشىم. بۇنىڭدىن بۇرۇن مىلتىقمۇ ئېتىپ باقمىغان» دېگەن. ئۇ يەنە بىر رۇس ئەسكىرى بىلەن بىللە ئەسىرگە ئېلىنغانلىقىنى قوشۇپ قويغان.
زېلېنسكىي X تە يازغان ئۇچۇرىدا يەنە: «ئۇكرائىنا تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشى جەريانىدا خىتاي پۇقرالىرىنىڭ ئۇكرائىنا زېمىنىدىكى دۈشمەنلىك ھەرىكەتلىرىگە بۇنداق ئوچۇق-ئاشكارا قاتنىشىشىنى ئۇرۇشنىڭ كېڭىيىشىگە قارىتىلغان بىر مەقسەتلىك قەدەم ۋە شۇنداقلا موسكۋانىڭ پەقەت ئۇرۇشنى ئۇزارتىشقا موھتاج ئىكەنلىكىنىڭ يەنە بىر ئىسپاتى، دەپ قارايدۇ» دېگەن.
بۇنىڭدىن ئىلگىرى زېلېنسكىي ئۇكرائىنا ئارمىيەسىنىڭ دونېتسك رايونىدا رۇسىيە ئارمىيەسى ئۈچۈن ئۇرۇشقا قاتناشقان ئىككى خىتاي ئەسكەرنى ئەسىر ئالغانلىقىنى، رۇسىيە ئارمىيەسىدىكى خىتاي ئەسكەرلىرىنىڭ پەقەت بۇلار ئەمەسلىكىنى ئېلان قىلغانىدى. ئۇ يەنە رۇسىيە سېپىدىكى شىمالىي كورىيە ئەسكەرلىرى بىلەن خىتاي ئەسكەرلىرىنى سېلىشتۇرۇپ: «پەرق شۇكى، شىمالىي كورېيەلىكلەر كۇرسكتا بىزگە قارشى ئالدىنقى سەپتە ئۇرۇشتى، خىتايلار بولسا ئۇكرائىنا زېمىنىدا ئۇرۇشۇۋاتىدۇ» دېگەنىدى.