تىرامپ خىتايغا %100 تىن ئارتۇق باج قويىدىغانلىقى ھەققىدە تەھدىت سالدى

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد تىرامپ خىتاينىڭ ئامېرىكىغا ئۆچ ئېلىش خاراكتېرلىك باج قويۇش قارارىغا قاتتىق ئىنكاس بىلدۈرۈپ، ئەگەر خىتاي باج قارارىدىن ۋاز كەچمىسە، خىتايغا قويۇلغان تاموژنا بېجىنى %100 تىن ئاشۇرۇۋېتىدىغانلىقى ھەققىدە خىتاينى ئاگاھلاندۇردى.

پىرېزىدېنت تىرامپ 2-ئاپرېل بىر مەمۇرىي بۇيرۇق ئىمزالىغان بولۇپ، تارتىپ ئامېرىكىغا كىرگۈزۈلگەن بارلىق ماللاردىن ئەڭ ئاز بولغاندىمۇ %10 تاموژنا بېجى ئېلىنىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغانىدى. مەزكۇر قاراردا خىتايغا %34 قويۇلغان بولۇپ، ئالدىنقى ئايلاردا بېكىتىلگەن باجلارنى قوشقاندا خىتايدىن ئېلىنىدىغان تاموژنا بېجى %54 كە يەتكەنىدى. مەزكۇر قارار 9-ئاپرېلدىن تارتىپ كۈچكە ئىگە بولىدىغان بولۇپ، خىتاي 4-ئاپرېل ئامېرىكىنىڭ بۇ قارارىغا ئىنكاس قايتۇرۇپ، ئامېرىكا ماللىرىدىن %34 باج ئېلىنىدىغانلىقىنى، 10-ئاپرېلدىن تارتىپ كۈچكە ئىگە بولىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغانىدى.

تىرامپ خىتاينىڭ بۇ قارارىغا كۈچلۈك ئىنكاس قايتۇرغان بولۇپ، CNN قانىلىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، تىرامپ خىتايغا 8-ئاپرېلنى ئاخىرقى مۇددەت قىلىپ بېكىتكەن ۋە ئەگەر خىتاي بۇ ۋاقىتتىن بۇرۇن ئامېرىكىغا قاراتقان ئۆچ ئېلىش خاراكتېرلىك باج قارارىدىن يانمىسا، يەنە %50 باج قوشىدىغانلىقىنى، بۇنىڭ 9-ئاپرېل كۈچكە ئىگە بولىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. ئەگەر ئامېرىكىنىڭ بۇ تەدبىرى ئەمەلگە ئاشسا، خىتاي ماللىرىغا قويۇلغان باج جەمئىي %104 كە يېتىدىكەن.

تىرامپ يەنە ئىجتىمائىي تاراتقۇ ھېسابىدا ئۇچۇر ھەمبەھرىلەپ، خىتاي قارارىدىن يانمىغان تەقدىردە، يۇقىرىقىدەك باج قويۇلغاندىن سىرت، خىتاي بىلەن بولغان بارلىق سۆھبەتلەرنىڭ، يەنى ئۇلارنىڭ ئامېرىكا بىلەن كۆرۈشۈش تەلەپلىرىنىڭ ئاخىرلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خىتاي سودا مىنىستىرلىقى بولسا ئامېرىكىنى خىتايغا قارشى بارلىق بىر تەرەپلىمە باج تەدبىرلىرىنى بىكار قىلىشقا ۋە سودا ئىختىلاپلىرىنى دىيالوگ ئارقىلىق ھەل قىلىشقا چاقىرىدىغانلىقىنى دەۋا قىلغان.

ئۇندىن باشقا، تىرامپ ئالدىنقى يەكشەنبە ئەگەر خىتاي TikTok نىڭ ئامېرىكىدىكى مۇلازىمىتىنى سېتىش كېلىشىمىنى ماقۇللىسا باجلارنى تۆۋەنلىتىدىغانلىقىنى، ئەمما خىتاينىڭ ئۆتكەن ھەپتە ئامېرىكىنىڭ خىتاي ماللىرىغا %34 باج قويۇش قارارى سەۋەبىدىن چېكىنگەنلىكىنى ئېيتىپ: «ئەگەر مەن باجلارنى ئازراق تۆۋەنلىتىپ بەرسەم، ئۇلار بۇ كېلىشىمنى 15 مىنۇت ئىچىدە ئىمزالايتتى. مانا بۇ باجنىڭ كۈچىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ» دېگەنىدى.

بۇ خەۋەر 1725 قېتىم كۆرۈلدى
08/04/2025 14:27:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق