بارىن جىھادىنىڭ 35 يىللىقىنى ۋە شېھىتلەرنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلار 5-ئاپرېلدىن ئىبارەت بۇ ئالاھىدە كۈننى تۈرلۈك ئۇسۇللار بىلەن خاتىرىلىدى.
بۇلارنىڭ جۈملىسىدىن 7-ئاپرېل خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن، زەيتىنبۇرنۇ كازلىچەشمە مەدەنىيەت مەركىزىدە شېھىتلەر كېچىسى پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى. پائالىيەت قۇرئان كەرىم تىلاۋىتى ۋە ئىستىقلال مارشى بىلەن باشلاندى.
ئالدى بىلەن خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى پىروفېسسور، دوكتور ئاتاۋۇللاھ شاھيار ئېچىلىش سۆزى قىلىپ، بارىن شېھىتلىرىنى ئەسلەپ ئۆتتى. ئۇ بارىن جىھادىنىڭ ماھىيىتى ھەققىدە توختىلىپ، بۇ ھەرىكەتنىڭ زۇلۇمغا قارشى ئاددىيلا بىر قوزغىلاڭ ئەمەس، بەلكى پىلانلىق ھالدا تەشكىللەنگەن مۇستەقىللىق مۇجادىلىسى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى ۋە شېھىتلىك روھىنى ئۇنتۇماسلىق، ئەۋلادلارغا ئۇنتۇلدۇرماسلىق كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.
ئىستىقلال تېلېۋىزىيەسى شېھىتلەرگە ئاتاپ تەييارلىغان قىسقا فىلىم قويۇلغاندىن كېيىن، شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى رەئىسى دوتسېنت، دوكتور ئالىمجان بۇغدا سۆز قىلىپ، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ يېقىنقى بىر-ئىككى ئەسىردىكى مۇستەقىللىق كۈرەشلىرى، ئىشغالىيەتچىلەرنىڭ تاجاۋۇزچىلىق جىنايەتلىرى، تارىخىي خاتالىقلار، بۈگۈنكى دەۋردىكى باش تارتىپ بولمايدىغان مەجبۇرىيەتلەر ھەققىدە تەپسىلىي توختالدى.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەقفى رەئىسى ئابدۇرېشىت ئابدۇلھەمىد سۆز قىلىپ، بارىن شېھىتلىرى بەرگەن قۇربانلىقلارنىڭ ئەھمىيىتى، نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتتە بىرلىك، ئىتتىپاقلىقنىڭ مۇھىملىقى ھەققىدە توختالدى.
ئارقىدىن ئۇستاز ئابدۇسالام تەكلىماكان، ئۇستاز قاسىمجان داموللام، ئۇستاز ئوبۇلقاسىم ئەھمىدى قاتارلىقلار ئايرىم-ئايرىم ھالدا بارىن قەتلىئامى، غۇلجا قەتلىئامى ۋە ئېلىشقۇ قەتلىئامىنىڭ تارىخىي ئارقا كۆرۈنۈشى، جەريانى، ئاقىۋىتى، تارىختىن بۇيان داۋاملىشىپ كەلگەن شېھىتلەرنىڭ تەۋرەنمەس روھىنى داۋاملاشتۇرۇشنىڭ زۆرۈرلۈكى ھەققىدە توختالدى.
پائالىيەت جەريانىدا يەنە ۋەتەن، مىللەت ۋە شېھىتلەرگە ئاتالغان شېئىرلار دېكلاماتسىيە قىلىندى. ئاخىرىدا سابىق پارلامېنت ئەزاسى پىروفېسسور، دوكتور جەلال ئەرباي سۆز قىلدى ۋە ئۇنىڭ باشچىلىقىدا ئوپچە دۇئا قىلىندى.
5-ئاپرېل يەنە ئىستانبۇلنىڭ سەفاكۆي رايونىغا جايلاشقان فاتىھ جامەسىنىڭ يىغىن زالىدا بارىن جىھادى ۋە شېھىتلەرنى خاتىرىلەش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. مەزكۇر يىغىنغا تۈركىيەدە پائالىيەت قىلىۋاتقان 20 گە يېقىن ئۇيغۇر تەشكىلاتنىڭ مەسئۇللىرى، ۋەكىللىرى، تونۇلغان زىيالىيلار، ئۆلىمالار ۋە جامائەت ئەربابلىرى ئىشتىراك قىلغان بولۇپ، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ تىز پۈكمەس روھىنى نامايان قىلغان شېھىتلەر ئەسلەپ ئۆتۈلدى.
ئۇندىن باشقا، 5-ئاپرېل گوللاندىيەنىڭ ئامستېردامدىكى دام مەيدانىدا بارىن جىھادىنىڭ 35 يىللىقىنى خاتىرىلەش نامايىشى ئۆتكۈزۈلدى. نامايىش شەرقىي تۈركىستان دۆلەت مارشى بىلەن باشلانغاندىن كېيىن، 35 يىل بۇرۇن تاجاۋۇزچى خىتاينىڭ بارىن خەلقىنى قانلىق باستۇرۇش جىنايىتى ئەيىبلەندى. ئاخىرىدا نامايىشچىلار شى جىنپىڭنىڭ سۈرىتى بېسىلغان نىقابنى كىيىپ، شى جىنپىڭنى ئەدەپلىگەن كۆرۈنۈشلەر ۋە تۈرلۈك شوئارلار ئارقىلىق، مەيداندىكى خەلقنىڭ دىققىتىنى تارتتى. بۇنىڭدىن سىرت، ئاۋسترالىيە، ئامېرىكا، گېرمانىيە، نورۋېگىيە قاتارلىق كۆپلىگەن دۆلەتلەردە نامايىشلار ئۆتكۈزۈلۈپ، بۇ ئالاھىدە كۈن خاتىرىلەندى.
قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇرلارمۇ چەكلىك ئىمكانىيەتلەرگە قارىماي، يىغىلىش ئۆتكۈزۈپ، بارىن جىھادىنىڭ 35 يىللىقىنى ۋە شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئارمىيە كۈنىنى ئالاھىدە خاتىرىلىدى ۋە شېھىتلەرنىڭ روھىغا ئاتاپ دۇئا قىلىشتى.