ئۇيغۇرلارنىڭ ھېيت ئۆتكۈزۈشىگە تۈرلۈك ئۇسۇللار بىلەن چەكلىمە قويغان خىتاي ئۆزىنىڭ چوكانتال بايرىمىدا، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئاتالمىش «ئىنقىلابىي قۇربانلارغا تەزىيە بىلدۈرۈش» پائالىيىتى تەشكىللىدى.
خىتاي بۇ يىلمۇ شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇرلار ۋە باشقا تۈركىي خەلقلەرنىڭ مەدەنىيىتى، ئەنئەنىسى بىلەن ھېچقانداق ئالاقىسى بولمىغان خىتايلارنىڭ چوكانتال بايرىمىنى تەبرىكلەشكە مەجبۇرلىغان بولۇپ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ بارلىق جايلىرىدا ئاتالمىش «قەھرىمانلار، ئىنقىلابىي قۇربانلارغا تەزىيە بىلدۈرۈش» نامىدا پائالىيەت تەشكىللىگەن.
خىتاي مەزكۇر پائالىيەتتە «تارىخنى ئەستە چىڭ ساقلاش، ئىنقىلابىي قۇربانلارنى ياد ئېتىش، تىنچلىقنى قەدىرلەش، كەلگۈسىنى يارىتىش» دېگەن سەپسەتىلەرنى باش تېما قىلغان بولۇپ، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنى، ئاددىي پۇقرالارنى، خۇسۇسەن ئوقۇغۇچىلارنى ئاتالمىش «ئىنقىلابىي قۇربانلار قەبرىستانلىقى»، «ئىنقىلابىي قۇربانلار كۆرگەزمىخانىسى» قاتارلىق جايلارغا ئاپىرىپ، قەبرە تېشىنى سۈرتۈش، قەبرە تېشىغا ئالتۇنرەڭ ھەل بېرىش، خىتاي كومپارتىيەسىگە كىرىش قەسىمىنى تەكرارلاش، گۈل تەقدىم قىلىش قاتارلىق شەكىللەر ئېھتىرام بىلدۈرۈشكە، تەزىيە بىلدۈرۈشكە مەجبۇرلىغان.
خىتاي تەشۋىقات ۋاسىتىلىرى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى ئاتالمىش «ئىنقىلابىي قۇربانلارغا تەزىيە بىلدۈرۈش پائالىيىتى»گە مەجبۇرىي قاتناشتۇرۇشنى «ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ ۋەتەننى سۆيۈش ھېسسىياتى ۋە مىننەتدارلىق ھېسسىياتىنى ئۇرغۇتۇش، ئوقۇغۇچىلارنىڭ غايە-ئېتىقادىنى چىڭىتىش، قىزىل گېنغا ۋارىسلىق قىلىش» دېگەندەك تېررور سىياسىتى ئىبارىلىرى بىلەن سۈپەتلىگەن.
خىتاي بۇ يىلمۇ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىشغالىيەت تارىخىنى بۇرمىلاش، تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشىدا ۋە باستۇرۇش ھەرىكەتلىرىدە ئۆلگەن خىتايلارنى قەھرىمان قىلىپ كۆرسىتىش تەشۋىقاتىغا ئالاھىدە كۈچىگەن بولۇپ، مەجبۇرىي تەزىيە بىلدۈرۈش پائالىيىتىدىن سىرت، ئاتالمىش «ئىنقىلابىي قۇربانلار»نىڭ سالام خەتلىرى، گۇۋاھنامىلىرى قاتارلىق يادىكارلىقلىرىنى قۇتقۇزۇش، ئەسلىگە كەلتۈرۈش، ئائىلىسىگە يەتكۈزۈش قاتارلىق سىياسىي تەشۋىقاتلىرىنى ئالاھىدە خەۋەر قىلغان. خىتاي تەشۋىقات ۋاسىتىلىرىدا «75 يىلدىن كېيىن ئىنقىلابىي قۇرباننىڭ سالام خېتى ئۆيگە قايتتى» دېگەندەك ماۋزۇلاردىكى خەۋەرلەر كەڭ كۆلەمدە تارقىتىلغان.
خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە، ئۇيغۇرلار باشلىق تۈركىي خەلقلەرنىڭ ئېتىقادىنى، مەدەنىيىتىنى، ئۆرپ-ئادەتلىرىنى چەكلەش، ۋەيران قىلىش جىنايىتىنى قاتتىق ئىجرا قىلىش بىلەن بىرگە، خىتايلارنىڭ ئۆرپ-ئادەتلىرىنى، تۈرلۈك بايراملىرىنى مەجبۇرىي تاڭماقتا. شۇنداقلا بۇلارنى سىياسىي تەشۋىقاتى، مەقسەتلىرى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرماقتا.