خىتاي شەرقىي تۈركىستاننىڭ تەبىئىي بايلىقلىرىنى تالان-تاراج قىلىش جىنايىتىنى ئىزچىل كۈچەيتىۋاتقان بولۇپ، ئالدىنقى ھەپتە يەنە مەخسۇس يىغىن ئېچىپ، يۈزدىن ئارتۇق چارلاش، تەكشۈرۈش تۈرىنى ئورۇنلاشتۇرغان.
خىتاي تەشۋىقات ئورگىنى تەڭرىتاغ تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي مېتاللورگىيە-گېئولوگىيە باش ئىدارىسى شەرقىي تۈركىستاندىكى تەبىئىي بايلىقلارنى قېزىش ھەرىكىتىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن، 2-ئاپرېل جىڭ ناھىيەسىدە 2025-يىللىق ئاتالمىش «چارلاش-ئېچىش بىرلەشمە جېڭىنى نەق مەيداندا ئالغا سىلجىتىش يىغىنى» ئۆتكۈزگەن. يىغىندا شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا 123 قېزىلما بايلىقنى چارلاپ تەكشۈرۈش-ئېچىش نۇقتىلىق تۈرى ئورۇنلاشتۇرۇلغان.
ئۇندىن باشقا غۇلجا شەھىرى، جىڭ ناھىيەسى، قابا ناھىيەسى، ئۇچتۇرپان ناھىيەسى، باركۆل ناھىيەسى، تولى ناھىيەسىدە ئالتە نۇقتىلىق ئۈلگە كۆرسىتىش تۈرى قوزغىتىلغان. خىتاي ئەمەلدارلىرى بۇ تۈرلەرنىڭ خىتاينىڭ ئىستراتېگىيەلىك قېزىلما بايلىق بىخەتەرلىكىنى كاپالەتلەندۈرۈشنى كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.
خەۋەردە جىڭ ناھىيەسىنىڭ تەڭرىتاغدىكى كان ھاسىل بولۇش بەلبېغىدىكى يادرولۇق رايونغا جايلاشقانلىقى، مىس، ئالتۇن، ۋولفرام، مولىبدېن قاتارلىق مېتال كانلىرى ھەم ھاك تاش قاتارلىق مېتاللوئىد كان بايلىقىنىڭ يوشۇرۇن كۈچىنىڭ ئالاھىدە گەۋدىلىك ئىكەنلىكى، خىتاي مېتاللورگىيە-گېئولوگىيە باش ئىدارىسىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا جەمئىي 30 نەچچە جايدىكى چوڭ، ئوتتۇرا تىپتىكى كان ياتمىسىنى تەكشۈرۈپ تاپقانلىقى، 786 مىليون توننا تۆمۈر رۇدىسى، 30 مىليون توننىدىن ئارتۇق مانگان رۇدىسى، 120 توننىدىن ئارتۇق ئالتۇن تاپشۇرغانلىقى قەيت قىلىنغان.
خىتاي مېتاللورگىيە-گېئولوگىيە باش ئىدارىسى كېيىنكى قەدەمدە يەنە بورتالا، ئىلى قاتارلىق سەككىز ۋىلايەت، ئوبلاست بىلەن ھەمكارلىشىشنى چوڭقۇرلاشتۇرىدىغانلىقىنى، بايىنغولىن، تارباغاتاي قاتارلىق بەش ۋىلايەت، ئوبلاستتىكى تۈرلۈك چارلاش-ئېچىش ھەرىكىتىنى داۋاملىق كېڭەيتىدىغانلىقىنى، ئىستراتېگىيەلىك قېزىلما بايلىق جەھەتتە زاپاسنى كۆپەيتىپ، مەھسۇلاتنى ئاشۇرۇشقا نۇقتىلىق كۈچەيدىغانلىقىنى دەۋا قىلغان.
خىتاي يېقىنقى يىللاردىن بۇيان شەرقىي تۈركىستاندىكى بۇلاڭ-تالاڭنى زور مەبلەغ، يۇقىرى تېخنىكىلار بىلەن تېز سۈرئەتتە كېڭەيتىۋاتقان بولۇپ، يۈزلىگەن كانلارنىڭ ئېچىش ھوقۇقىنى خىتاي شىركەتلىرىگە ئۆتكۈزۈپ بەرمەكتە ۋە بۇ ھەرىكەتلىرىدە «خىتاينىڭ ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش» ئىبارىسىنى ئالاھىدە تەكىتلىمەكتە.