چاقماق خەەر

HRW ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتىنى تۇتقۇندىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىنى قويۇپ بېرىشكە چاقىردى

ئىنسان ھەقلىرىنى كۆزىتىش تەشكىلاتى (HRW) ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتىگە چاقىرىق قىلىپ، 2021-يىلىدىن بۇيان تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇر پائالىيەتچى ۋەلىجان كالانوفنى دەرھال قويۇۋېتىشنى تەلەپ قىلدى.

خەلقئارالىق تەشكىلات - ئىنسان ھەقلىرىنى كۆزىتىش تەشكىلاتى 31-مارت ئېلان قىلغان مەزكۇر چاقىرىقتا ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتىنىڭ 2021-يىلى 12-ئايدىن باشلاپ روھىي كېسەللەر دوختۇرخانىسىغا مەجبۇرىي قامالغان پائالىيەتچى ۋە تور يازغۇچىسى ۋەلىجان كالانوفنى دەرھال قويۇپ بېرىشى ۋە ئۇنىڭغا تۆلەم بېرىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.

چاقىرىقتا بۇ يىل 28-فېۋرال بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خالىغانچە تۇتۇپ تۇرۇش مەسىلىسى خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ ۋەلىجان كالانوف ھەققىدە پىكىر بايان قىلغانلىقى، مەزكۇر باياندا ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتىنىڭ دۇنيا ئىنسان ھەقلىرى خىتابنامىسىنىڭ 2-، 7- ۋە 19-ماددىلىرى ۋە خەلقئارا پۇقرالار ۋە سىياسىي ھوقۇق ئەھدىنامىسىنىڭ 2-، 19- ۋە 26-ماددىلىرىغا خىلاپ ھالدا ۋەلىجاننى خالىغانچە تۇتقۇن قىلغانلىقى ھەققىدە يەكۈن چىقارغانلىقى ۋە ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتىدىن ئۇنى دەرھال قويۇپ بېرىش ۋە تۆلەم بېرىشنى تەلەپ قىلغانلىقى قەيت قىلىنغان.

55 ياشلىق ئۇيغۇر پائالىيەتچى، تور يازغۇچىسى ۋەلىجان كالونوف ئۆزبېكىستان پۇقراسى بولۇپ، ئىلگىرى ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسەتلىرىنى تەنقىد قىلىپلا قالماي، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇر قاتارلىق تۈركىي خەلقلەرنى تۇتقۇن قىلىۋاتقانلىقىنى ۋە ئۆلتۈرۈۋاتقانلىقىنى ئىجتىمائىي تاراتقۇلار ئارقىلىق ئۆزبېكىستان خەلقىگە ئاڭلىتىپ كەلگەن.

2021-يىلى 8-ئايدا ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتى ئۇنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئېلان قىلغان پىكىرلىرىگە ئاساسەن، «ئىجتىمائىي بىخەتەرلىككە تەھدىت سېلىش»، «توردا پىرېزىدېنتنى ھاقارەتلەش»، «دىنىي ئەسلىيەتچىلىك ئىدىيەسى تارقىتىش» قاتارلىق باھانىلەر بىلەن تۇتقۇن قىلغان ۋە شۇ يىلى 12-ئايدا ئۇنى جىززاخ ۋىلايىتىدىكى بىر روھىي كېسەللىكلەر دوختۇرخانىسىغا مەجبۇرىي قامىغان. ئەمما ۋەلىجان كالونوفنى بىلىدىغانلار ئۇنىڭ روھىي جەھەتتىن ھېچقانداق مەسىلىسى يوق ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىغان.

بۇ خەۋەر 1846 قېتىم كۆرۈلدى
02/04/2025 10:12:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق