ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خىتاينىڭ تاجاۋۇزچىلىق ھەرىكەتلىرىگە تاقابىل تۇرۇشتا، ياپونىيەنىڭ كەم بولسا بولمايدىغان شېرىك ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
فىرانسىيە خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى پېت ھېگسېس (Pete Hegseth) 30-مارت توكيودا ياپونىيە مۇداپىئە ۋەزىرى گېن ناكاتانى (Gen Nakatani) بىلەن كۆرۈشكەن بولۇپ، ئىككى تەرەپ ئىتتىپاقلىشىپ، خىتاينىڭ تەھدىتىگە تاقابىل تۇرۇشتا ئورتاق پىكىردە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈشكەن.
زىيارەت جەريانىدا ھېگسېس ياپونىيەنىڭ مۇھىم شېرىك ئىكەنلىكىنى، ئامېرىكىنىڭ تەيۋەن بوغۇزى قاتارلىق رايونلاردا ئىشەنچلىك توسۇش كۈچى بەرپا قىلىشىغا ياردەم بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە، خىتاينىڭ تاجاۋۇزچىلىق ھەرىكەتلىرىگە تاقابىل تۇرۇشتا، ياپونىيەنىڭ كەم بولسا بولمايدىغان شېرىك ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، ياپونىيەدە ئامېرىكىنىڭ تەخمىنەن 54 مىڭ ئەسكىرى، يۈزلىگەن ھەربىي ئايروپىلانلىرى، شۇنداقلا ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ ئالدىنقى سەپكە ئورۇنلاشتۇرغان بىردىنبىر ئاۋىياماتكا زەربە ئەترىتى بار بولۇپ، خىتاينىڭ ھەربىي كۈچىنى چەكلەشتە مۇھىم رول ئوينايدىكەن.
بۇ ھېگسېسنىڭ تۇنجى قېتىم دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى سۈپىتىدە ئاسىيا ئەللىرىنى زىيارەت قىلىشى بولۇپ، ياپونىيەدىن ئىلگىرى فىلىپپىننى زىيارەت قىلىپ، 28-مارت فىلىپپىن پىرېزىدېنتى فېردىناند ماركوس بىلەن كۆرۈشكەنىدى ۋە ئامېرىكا بىلەن فىلىپپىننىڭ خىتايغا قارشى تۇرۇشتا بىرلىكسەپ ھاسىل قىلىشىنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلىگەنىدى.