چاقماق خەەر

خىتاي «دىۋىزىيە بىلەن يەرلىكنىڭ يۇغۇرۇلۇشى» نامىدا دىۋىزىيەنىڭ رولىنى كۈچەيتمەكتە

خىتاي شەرقىي تۈركىستاننى كونترول قىلىشتا مۇھىم ۋاسىتە سۈپىتىدە پايدىلىنىپ كەلگەن ئاتالمىش «ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش دىۋىزىيەسى»نىڭ رولىنى ۋە يەرلىك بىلەن بىرلەشتۈرۈشنى ئالاھىدە تەكىتلەۋاتقان بولۇپ، يېقىنقى ھەرىكەتلىرى ۋە تەشۋىقاتلىرى دىققەت تارتماقتا.

خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى تەشۋىقات ئورگىنى تەڭرىتاغ تورىنىڭ خەۋىرىدە ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون» ۋە دىۋىزىيە (بىڭتۈەن)نىڭ 24-مارت تۇنجى قېتىم «خەلق ئىشلىرى يىغىنى»نى بىرلىكتە ئاچقانلىقى، بۇنىڭدىن ئىككى كۈن ئىلگىرىمۇ 1-پەسىلدىكى چوڭ تۈرلەردە مەركەزلىك ئىش باشلاش پائالىيىتىنى ئورتاق ئۆتكۈزگەنلىكى ئالاھىدە خەۋەر قىلىنغان.

مەزكۇر خەۋەردە «دىۋىزىيە بىلەن يەرلىكنىڭ يۇغۇرۇلۇشى» ئىبارىسى نۇقتىلىق تەكىتلەنگەن بولۇپ، بۇلتۇردىن باشلاپ شەرقىي تۈركىستاننىڭ پەن-تېخنىكا، سىياسىي-قانۇن، مائارىپ، تەشۋىقات قاتارلىق كۆپلىگەن ساھەلەردىكى مۇھىم خىزمەت يىغىنلىرىنىڭ ھەممىسىدە دىۋىزىيە بىلەن يەرلىكنىڭ بىرلىكتە ئېچىش شەكلى قوللىنىپ، ۋەزىپىلەرنى بىرتۇتاش ئورۇنلاشتۇرغانلىقى تىلغا ئېلىنغان.

خەۋەردە يەنە دىۋىزىيە بىلەن يەرلىكنى يۇغۇرما تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ خىتاي پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك مۇھىم ئورۇنلاشتۇرۇشى بولۇپ، تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكى، «جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداشتىكى مۇقەررەر تەلەپ، ئىقتىسادنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم يول» ئىكەنلىكى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە، مىللەتلەرنىڭ ئۆزئارا سىڭىشىپ كېتىشى ۋە مەدەنىيەتنىڭ يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ئۈنۈملۈك تەدبىر ئىكەنلىكى دەۋا قىلىنغان.

ئاتالمىش «ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش دىۋىزىيەسى» خىتاينىڭ ئىشغالىيەت تارىخىدىن تارتىپ شەرقىي تۈركىستاندا مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ كېلىۋاتقان بولۇپ، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى باستۇرۇشتا، تۈرلۈك بايلىقلارنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىشتا مۇھىم رول ئويناپ كەلمەكتە. ئەنگلىيە شېفىلد ھالام ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ھېلېنا كېنېدى تەتقىقات مەركىزى 2022-يىلى ئىيۇل ئېيىدا ئېلان قىلغان دوكلاتىدا شەرقىي تۈركىستاندىكى دىۋىزىيەلەرنىڭ مەجبۇرىي كۆچۈرۈش، مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش، زومىگەرلىك بىلەن يەر-زېمىن ئىگىلىۋېلىش، خالىغانچە تۇتقۇن قىلىش قاتارلىق جىنايەتلەر ئارقىلىق، ئۇيغۇر قاتارلىق تۈركىي مىللەتلەرنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىنى ۋە دىنىي، مىللىي كىملىكىنى باستۇرغانلىقىنى پاش قىلغانىدى. ۋاشىنگتوندىكى بىر ئەقىل ئامبىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، شەرقىي تۈركىستاندىكى دىۋىزىيەلەرنىڭ كونتروللۇقىدىكى شىركەتلەر 2900 غا يېقىنلىشىدىغان بولۇپ، دىۋىزىيەلەرگە بىۋاسىتە ياكى ۋاسىتىلىك چېتىلىدىغان شىركەت-كارخانا ۋە ئورگانلار پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا 862 مىڭدىن ئاشىدىكەن.

يېقىنقى مەزگىللەردە دىۋىزىيە بىلەن يەرلىكنى بىرلەشتۈرۈش شوئارلىرى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى داۋاملاشتۇرۇش ۋە پۈتۈنلەي خىتايلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت قارا نىيىتىنى كۆرسىتىپ بەرمەكتە.

بۇ خەۋەر 867 قېتىم كۆرۈلدى
31/03/2025 10:18:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق