خىتاي يېقىنقى يىللار مابەينىدە شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىشغالىيەت تارىخىنى ئاقلاش، بۇرمىلاش ئۈچۈن غايەت زور كۈچ چىقىرىۋاتقان بولۇپ، جۈملىدىن شەرقىي تۈركىستانغا تاجاۋۇز قىلىشتا مۇھىم رول ئوينىغان زو زۇڭتاڭنى نۇقتىلىق تەشۋىق قىلىشقا باشلىغانىدى. يېقىندا خىتاي تەشۋىقات ئورگانلىرى يەنە زو زۇڭتاڭنىڭ شەرقىي تۈركىستانغا تاجاۋۇز قىلىشى مەدھىيەلەنگەن بىر جىڭجۈ تىياتىرىنىڭ سېنارىيەسىنى پۈتكۈزۈپ، رەسمىي رېپېتىتسىيە قىلىشقا باشلىغان.
تەڭرىتاغ تورىنىڭ 29-مارتتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئالدىنقى ھەپتە خىتاينىڭ دۆلەتلىك جىڭجۈ تىياتىرخانىسىدا زو زۇڭتاڭ ھەققىدە يېڭىدىن تەييارلانغان جىڭجۈ تىياتىرىنىڭ رېپېتىتسىيە قىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلگەن. مەزكۇر تىياتىرنىڭ سېنارىيەسىنى خىتاينىڭ دۆلەتلىك جىڭجۈ تىياتىرخانىسى ۋە ئۈرۈمچى شەھەرلىك جىڭجۈ تىياتىرى ئۆمىكى بىرلىكتە تەييارلىغان بولۇپ، نۆۋەتتە رەسمىي رېپېتىتسىيە باسقۇچىغا كىرگەن.
قانخور تاجاۋۇزچى زو زۇڭتاڭ مەدھىيەلەنگەن مەزكۇر تىياتىرغا «ئەسلىي زېمىننى يېڭىدىن قايتۇرۇۋېلىش» دەپ نام قويۇلغان بولۇپ، «يېڭى چېگرا، يېڭى زېمىن» مەنىلىرىنى بېرىدىغان ۋە خىتاينىڭ ئىشغالىيەت تارىخىنى ئىسپاتلاپ بېرىدىغان ئاتالمىش «شىنجاڭ» كەلىمىسىنى بۇرمىلاپ چۈشەندۈرۈشكە زورۇقۇۋاتقانلىقىنى ئېنىق كۆرۈۋالغىلى بولىدىكەن.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، مەزكۇر تىياتىرنى تەييارلاش پىلانى 2023-يىلى باشلانغان بولۇپ، تىياتىردا شىددەتلىك جەڭلەرنىڭ كۆپ تەسۋىرلەنمىگەنلىكى، بەلكى مۇھىم نۇقتا پېرسوناژلارنىڭ ئىچكى دۇنياسىغا قارىتىلغانلىقى تەكىتلەنگەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە تىياتىردا زو زۇڭتاڭنىڭ ئەسىرلەرگە كۆيۈنگەنلىكى، غەمخورلۇق قىلغانلىقىدەك ئارىيەلەرنىڭ بارلىقى تىلغا ئېلىنغان بولۇپ، ئۇنىڭ ۋەھشىيانە قەتلىئاملىرى ئالاھىدە پەردازلانغان.
بۇ خىتاينىڭ ئىشغالىيەت تارىخىنى بۇرمىلاش ئۇرۇنۇشلىرىنىڭ داۋامى بولۇپ، يېقىنقى يىللار مابەينىدە خىتاي قانخور زو زۇڭتاڭنى ئاتالمىش «خىتاينىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغدىغان قەھرىمان» دەپ سۈپەتلەپ، پىلانلىق تەرىقىدە تەشۋىق قىلىشقا باشلىغانىدى. بۇنىڭ نەتىجىسىدە بۇلتۇر 9-ئايدا ئاتالمىش «زو زۇڭتاڭنىڭ شىنجاڭنى قايتۇرۇۋېلىشى» دېگەن دەرس ئوتتۇرا مەكتەپ ۋە ئالىي مەكتەپ دەرسلىكلىرىگە رەسمىي كىرگۈزۈلگەنىدى. خىتاي يەنە قومۇل شەھىرىدە سۈنئىي بەرپا قىلىنغان ئاتالمىش «زو زۇڭتاڭ تىككەن سۆگەتلەر» ئۈچۈن مەخسۇس قوغداش تۈر مەبلىغى ئاجراتقان بولۇپ، بۇلار ئۈچۈن رەقەملىك ئارخىپ تۇرغۇزۇپ چىققانىدى.
مانجۇلارنىڭ چىڭ سۇلالىسى 1876-يىلى زوزۇڭتاڭنى شەرقىي تۈركىستانغا تاجاۋۇز قىلىشقا ئەۋەتكەن بولۇپ، زوزۇڭتاڭ ئۆز ۋاقتىدىكى زامانىۋى قوراللار بىلەن قوراللانغاندىن باشقا، چەت ئەل ھەربىي مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ھەربىي ياردىمى ۋە ئىقتىسادىي ياردىمى بىلەن شەرقىي تۈركىستان چېگراسىغا بېسىپ كىرگەنىدى. بۇ جەرياندا شەرقىي تۈركىستان خەلقى تاجاۋۇزچى مانجۇ قوشۇنلىرىغا قارشى جان پىدالىق بىلەن قارشىلىق كۆرسەتكەن بولسىمۇ، قانخور زوزۇڭتاڭ شەرقىي تۈركىستاننى ئىشغال قىلغان ۋە نەچچە يۈز مىڭلىغان خەلقنى ۋەھشىيلەرچە قىرغىن قىلغانىدى.