چاقماق خەەر

خىتاي شەرقىي تۈركىستاننى خىتايلاشتۇرۇش ھەرىكەتلىرىنى كۆپ قاتلاملىق كېڭەيتمەكتە

خىتاي شەرقىي تۈركىستاننى پۈتۈنلەي خىتايلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت رەزىل پىلانى بويىچە، ئاتالمىش «مەدەنىيەت بايلىقىنى ئاساسىي قاتلامغا بىۋاسىتە يەتكۈزۈش» نامىدا ئاسسىمىلياتسىيە، مېڭە يۇيۇش ھەرىكەتلىرىنى ھەرقايسى قاتلاملارغا كېڭەيتمەكتە.

تەڭرىتاغ تورىنىڭ 26-مارت خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي كومپارتىيەسى 20-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ قارارىدا ئاتالمىش «ئەلا سۈپەتلىك مەدەنىيەت بايلىقىنى ئاساسىي قاتلامغا بىۋاسىتە يەتكۈزۈش مېخانىزمى ئورنىتىش» ئالاھىدە تەكىتلەنگەن.

خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، خىتاي ئاتالمىش «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىشتا چىڭ تۇرۇش، مەدەنىيەت ئارقىلىق ئادەم يېتىشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇش، دائىرىنى كېڭەيتىش» قاتارلىق تېررور سىياسىتى ئىبارىلىرىنى ئالاھىدە تەكىتلەپ كەلگەن. 2021-يىلى خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا ئاتالمىش «ئانار دانىسى» مەدەنىيەت مۇلازىمەت كىچىك ئەترىتى تۈرى ۋە «يېزا مەدەنىيەت چوڭ ھويلىسى» بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش نۇقتىسى قۇرۇش تۈرىنى قوزغاتقان. نۆۋەتتە شەرقىي تۈركىستاندا ئاتالمىش «مەدەنىيەت چوڭ ھويلىسى» بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش نۇقتىسىدىن جەمئىي 598 ى قۇرۇلغان.

خىتاي 2024-يىلى شەرقىي تۈركىستاندا يەنە غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى سارىيى، غەربىي يۇرت قورۇقچىبەگ مەھكىمىسى مۇزېيى قاتارلىق بىر تۈركۈم مۇزېي، مەيدان، سارايلىرىنى قۇرغان بولۇپ، پۈتۈن شەرقىي تۈركىستاندا 110 ئاممىۋى كۇتۇپخانا، 117 مەدەنىيەت سارىيى، 58 گۈزەل سەنئەت سارىيى، 1130 مەدەنىيەت پونكىتى ئاچقان. 46 مىڭ 200 مەيدان قېتىمدىن ئارتۇق ئاممىۋى مەدەنىيەت پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلگەن.

ھالبۇكى، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىگە ماس قەدەمدە، غايەت زور خىراجەت ۋە ئىنچىكە پىلانلار بىلەن قۇرۇپ چىقىلغان مەزكۇر ئورۇنلار ۋە تەشكىللەنگەن پائالىيەتلەرنىڭ ھەممىسى خىتاي مەدەنىيىتىنى زورلاپ تېڭىش، ئۇيغۇرلارنىڭ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ تارىخىنى ۋە مەدەنىيىتىنى بۇرمىلاش، خىتاينىڭ تۈرلۈك مېڭە يۇيۇش سىياسەتلىرىنى تەشۋىق قىلىش ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇلماقتا.

خىتاي ئىشغالىيەت تارىخىدىن باشلاپ شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى ھەرخىل باھانىلەر بىلەن باستۇرۇپ كەلگەن بولۇپ، يېقىنقى يىللاردا ئوچۇق-ئاشكارا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈش جەريانىدا ئاتالمىش «مىللەتنىڭ ئارىلىشىشى، يۇغۇرۇلۇشى، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش» ناملىرى ئاستىدا خىتايلاشتۇرۇش سىياسىتى ئىجرا قىلماقتا.

كۆزەتكۈچىلەر خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى سەۋەبلىك خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئەيىبلىشى ۋە بىر قىسىم جازالارغا ئۇچرىغان بولسىمۇ، بىراق جىنايەتلىرىنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى، ئۆز جىنايەتلىرىنى ئىنكار قىلىش بىلەن بىرگە، ھەرخىل رەزىل ۋاسىتىلەر، باھانىلەر ئارقىلىق بۇنى يوللۇق كۆرسىتىشكە، خەلقئارا جەمئىيەتنى ئالداشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1916 قېتىم كۆرۈلدى
29/03/2025 11:29:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق