شى جىنپىڭ خەلقئارادا سودا جىددىيچىلىكى كۈچىيىۋاتقان بىر پەيتتە، دۇنياغا داڭلىق چەت ئەل شىركەتلىرىنىڭ باش دىرېكتورلىرىنى يىغىپ يىغىن ئاچقان.
نىككېي ئاسىيا تورىنىڭ 28-مارت خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ دۇنياغا داڭلىق چەت ئەل كارخانىلىرىنىڭ باش دىرېكتورلىرى ۋە ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، بارغانسېرى كۈچىيىۋاتقان خىتاي-ئامېرىكا سودا توقۇنۇشى ئارىسىدا جان تالىشىۋاتقان ئىقتىسادىنى راۋاجلاندۇرۇش مەسىلىسىدە، شەخسىي شىركەتلەرنىڭ قوللىشىنى تەلەپ قىلغان.
بۇ يىغىن شى جىنپىڭنىڭ خىتايدىكى چوڭ سودىگەرلەر بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن ئىشقا ئاشقان بولۇپ، يىغىنغا مېرسېدېس-بېنز، تويوتا، سامسۇڭ قاتارلىق 40 تىن ئارتۇق خەلقئارالىق شىركەتنىڭ باش دىرېكتورلىرى، باش ئىجرائىيە ئەمەلدارلىرى ياكى ۋەكىللىرى قاتناشقان. بۇ خىتاي رېجىمىنىڭ شەخسىي كارخانىلارنى ئالاھىدە قوللاشقا مەجبۇر بولۇۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بەرگەن. شى جىنپىڭ يىغىندا ئامېرىكا ۋە ياۋروپا بازارلىرىنىڭ خىتايغا نىسبەتەن مۇھىملىقىنى تەكىتلىگەن.
ئۇندىن باشقا، ئالما شىركىتىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى تىم كۇكنىڭ بۇ ھەپتە خىتاينى زىيارەت قىلىشى دىققەت قوزغىغان بولۇپ، ئۇنى خىتاي سودا مىنىستىرى كۈتۈۋالغان.
گەرچە تاشقى بېسىم كۈچەيگەن ۋە چەت ئەل مەبلىغى روشەن تۆۋەنلىگەن بولسىمۇ، خىتاي يەنىلا ئىچكى بازىرى ئارقىلىق چەت ئەل شىركەتلىرىنى جەلپ قىلىشقا ئۇرۇنماقتىكەن.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ