چاقماق خەەر

ئامېرىكا بىلەن فىلىپپىننىڭ خىتايغا قارشى ھەمكارلىشىشى كېرەكلىكى تەكىتلەندى

ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرى پېت ھېگسېس ئامېرىكا بىلەن فىلىپپىننىڭ خىتاي مەسىلىسىدە مۈرىنى-مۈرىگە تىرەپ ھەمكارلىشىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

ئەلجەزىرە تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرى پېت ھېگسېس 28-مارت فىلىپپىن پىرېزىدېنتى فېردىناند ماركوس بىلەن كۆرۈشكەن بولۇپ، ئامېرىكا بىلەن فىلىپپىننىڭ خىتايغا قارشى تۇرۇشتا بىرلىكسەپ ھاسىل قىلىشىنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلىگەن.

ھېگسېسنىڭ فىلىپپىن پايتەختى مانىلاغا قىلغان زىيارىتى ئۇنىڭ ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىدىكى ئىتتىپاقداش دۆلەتلەرگە قىلغان زىيارىتىنىڭ باشلىنىشى بولۇپ، جەنۇبىي دېڭىزدىكى ئىگىلىك ھوقۇق مەسىلىسى توغرىسىدا خىتاي بىلەن كۈچىيىۋاتقان جىددىيچىلىككە قارشى تۇرۇش ئۈچۈن، ئامېرىكىنىڭ بۇ رايوندىكى ئىتتىپاقىنى كۈچەيتىشنى مەقسەت قىلىدىكەن.

فىلىپپىن پىرېزىدېنتى ماركوس ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرىنىڭ زىيارىتىنى قارشى ئالغان بولۇپ، ئۇنى ئىككى دۆلەت ئىتتىپاقى ھەققىدىكى كۈچلۈك سىگنال، دەپ تەكىتلىگەن. بۇ زىيارەت فىلىپپىن بىلەن خىتاي پاراخوتلىرى ئارىسىدا يېقىندا يۈز بەرگەن قارشىلىشىشتىن كېيىن بولغان. فىلىپپىن مۇداپىئە مىنىستىرى گىلبېرتو تېئودورو خىتاينىڭ بۇ رايوندىكى ئىگىلىك ھوقۇق دەۋاسىنى تەنقىدلىگەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1653 قېتىم كۆرۈلدى
29/03/2025 11:13:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق