ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرى پېت ھېگسېس ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونىدا خىتاينى توسۇش ۋە رايوندا تىنچلىق ئورنىتىش ئۈچۈن خىزمەت قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
ئەلجەزىرە قانىلىنىڭ 26-مارت خەۋەر قىلىشىچە، ھېگسېس سۆزىدە ئامېرىكىنىڭ ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونىدا خىتاينىڭ بارغانسېرى كۈچىيىۋاتقان تەھدىتىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن.
ھېگسېس بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان يازما باياناتىدا ئامېرىكىنىڭ توسۇش ۋە ھۇجۇم قىلىش ئىقتىدارىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن خىزمەت قىلىۋاتقانلىقىنى، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد تىرامپنىڭ كۈچ ئارقىلىق تىنچلىققا ئېرىشىش ئۇسۇلىنى قوللىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئۇ يەنە: «بىز زور ھالاك قىلىش ئىقتىدارغا ئىگە يىراق مۇساپىلىك F-47 ئايروپىلانلىرىنى ئىشلەپچىقىرىپ، ئىتتىپاقداشلىرىمىز ۋە ھەمكارلاشقۇچىلارنى قورال بىلەن تەمىنلەش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىۋاتىمىز» دېگەن.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ