خىتاينىڭ سانائەت كىرىمى كۈتۈلمىگەن تەرىقىدە تۆۋەنلەپ كەتكەن بولۇپ، خىتاينىڭ كەلگۈسى ئىقتىسادىغا نىسبەتەن ئەندىشە پەيدا قىلغان.
جەنۇبىي خىتاي سەھەر پوچتىسىنىڭ 27-مارت خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي دۆلەتلىك ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، 2025-يىلىنىڭ باشلىرىدا خىتاي سانائەت كارخانىلىرىنىڭ كىرىمى ئۆتكەن يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلى بىلەن سېلىشتۇرغاندا %0.3 تۆۋەنلىگەن. بۇ تۆۋەنلەش 12-ئايدىكى قىسقا مۇددەتلىك پايدا ئەسلىگە كەلگەندىن كېيىن يۈز بەرگەن بولۇپ، بىلۇمبېرگ ئىقتىسادشۇناسلىرىنىڭ 1-، 2-ئايلاردىكى %9 ئۆسۈش مۆلچەرىنىڭ ئەكسىچە بولغان.
كارخانا پايدىسىنىڭ تۆۋەنلىشى خىتاي ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىگە كېلىش مۇمكىنچىلىكىنىڭ تۆۋەنلىكى ھەققىدىكى ئەندىشىگە سەۋەب بولغان. ئىقتىسادنىڭ ئەسلىگە كېلىشى تىجارەتچىلەرنىڭ سودا ئىشەنچى ۋە مەبلەغ سېلىشنى ئاشۇرۇشى ئۈچۈن مۇھىم مەسىلە ھېسابلىنىدىكەن.
بۇنىڭدىن سىرت، ئامېرىكىنىڭ باج ئۆستۈرۈش تەدبىرلىرى خىتاينىڭ ئېكسپورتىغا سەلبىي تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن بولۇپ، داۋاملىشىۋاتقان پۇل پاخاللىقى بېسىمى ۋە ئامېرىكىنىڭ سودا ئۇرۇشىنىڭ سەلبىي تەسىرى خىتاي كارخانىلىرىنىڭ ئىقتىسادىي مۇھىتىنى تېخىمۇ مۇرەككەپلەشتۈرۈۋەتكەن.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ