خىتاي تىرامپ سەۋەبلىك ئەندىشىگە چۈشكەن ئامېرىكىنىڭ ئىتتىپاقداشلىرىنى قايىل قىلىشقا، ئۆزىنىڭ يېنىغا تارتىشقا ئۇرۇنماقتا.
نىيۇيورك ۋاقىت گېزىتىنىڭ 27-مارت خەۋەر قىلىشىچە، يېقىندا توكيودا ئۆتكۈزۈلگەن يىغىندا، خىتاينىڭ ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى ۋاڭ يى خىتاي، ياپونىيە ۋە جەنۇبىي كورىيە ئوتتۇرىسىدىكى سودا ۋە مۇقىملىقتىن ئۈمىدۋار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، رايونلۇق ھەمكارلىقنىڭ مۇھىملىقىنى ھەمدە بۇنىڭ ئامېرىكا قاتارلىق يىراقتىكى ئىتتىپاقداشلارغا تايىنىشقا قارىغاندا ئەھمىيەتلىك ئىكەنلىكىنى دەۋا قىلغان.
ئەمما سۆھبەت داۋاملىشىۋاتقان بىر پەيتتە خىتاينىڭ ئىككى ساقچى پاراخوتى ياپونىيە ۋە خىتاي ئوتتۇرىسىدا ئىگىلىك ھوقۇق تالاش-تارتىشى داۋاملىشىۋاتقان دېڭىز رايونىغا ئاشكارا كىرىپ، ياپونىيە دېڭىز ساقچىلىرىنىڭ ئارىلىشىشىغا سەۋەب بولغان.
بۇ سەۋەبلىك ياپونىيە تاشقى ئىشلار ۋەزىرى ۋاڭ يىغا خىتاينىڭ ئاراللار ئەتراپىدىكى كۈچىيىۋاتقان پائالىيەتلىرىگە قارشى نارازىلىق بىلدۈرگەن. بۇ ئەھۋال خىتاينىڭ ھەمكارلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا زېمىن دەۋاسى قىلىشتىن ئىبارەت قوش ئىستراتېگىيەسىنى ئەكس ئەتتۈرىدىكەن ۋە شۇنداقلا تىرامپ ھۆكۈمىتىنىڭ تەسىرى ئاستىدا، قوشنا دۆلەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنى باشقۇرۇش ئۇرۇنۇشلىرىنى كۆرسىتىدىكەن.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ