تىرامپ ھۆكۈمىتى ئامېرىكا بىلەن ئافغانىستاننىڭ ئالاقىسىنى تىنچ يوللار بىلەن كۈچەيتىشكە باشلىدى.
دىپلوماتىيە سىياسەت تورىنىڭ 27-مارت ئېلان قىلغان بۇ ھەپتىلىك جەنۇبىي ئاسىيا دوكلاتىدا بىر قانچە مۇھىم تەرەققىياتلارنى تەكىتلىگەن. بۇنىڭ بىرى، تالىبان ھۆكۈمىتى ئامېرىكا پۇقراسى جورج گىلەيزماننى قويۇپ بەرگەن بولۇپ، ئامېرىكا ۋەكىللىرى كابۇلنى زىيارەت قىلغان. گىلەيزماننىڭ قويۇپ بېرىلىشى ئىككى يىلدىن ئارتۇق قاماقتا تۇتۇپ تۇرۇلغاندىن كېيىن ئىشقا ئاشقان بولۇپ، بۇ ئامېرىكا ئەمەلدارلىرىنىڭ 2021-يىلى تالىبان قايتا ھاكىمىيەت بېشىغا چىققاندىن بۇيان تۇنجى قېتىم ئافغانىستاننى زىيارەت قىلىشى بولۇپ قالغان.
بۇنىڭدىن باشقا، ئامېرىكا «ھەققانىي تورى»غا مۇناسىۋەتلىك ئۈچ نەپەر تالىبان رەھبىرى ھەققىدە ئۇچۇر تەمىنلىگۈچىلەرگە بېرىلىدىغان مۇكاپات پۇلىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، ئامېرىكىنىڭ تالىبانغا قارىتا پوزىتسىيەسىنىڭ ئۆزگەرگەنلىكىنى ئىپادىلىگەن ۋە ئامېرىكا پۇقرالىرىنىڭ قويۇپ بېرىلىشىگە ئوخشاش چەكلىك نىشانلار ئۈچۈن ئەمەلىي يول بىلەن ئالاقە قىلىشنى تەكىتلىگەن.
بۇ ھەپتىلىك جەنۇبىي ئاسىيا دوكلاتىدا يەنە خىتاي، ھىندىستان ۋە بېنگالنىڭ مۇناسىۋىتىمۇ ئانالىز قىلىنغان بولۇپ، بېنگالنىڭ ۋاقىتلىق رەھبىرى مۇھەممەد يۇنۇسنىڭ يېقىندا خىتاينى زىيارەت قىلىشى باش مىنىستىر ھاسىنا ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەرگەندىن كېيىنكى مۇھىم دىپلوماتىك ئالاقىنى بەلگىلىگەن. يۇنۇسنىڭ زىيارىتى بېنگال بىلەن خىتاينىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 50 يىللىقىنى خاتىرىلەش ئۈچۈن بولۇپ، ھىندىستان بۇنىڭغا قارىتا ئەندىشە قىلماقتىكەن.
بېنگال بىلەن ھىندىستاننىڭ مۇناسىۋىتى سوۋۇشقا قاراپ يۈزلەنگەن بولۇپ، يۇنۇسنىڭ ئىقتىسادىي ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش، خىتاينىڭ بېنگالغا مەبلەغ سېلىشىنى جەلپ قىلىش ۋە پايدىلىق قەرز شەرتلىرى توغرىسىدا سۆھبەتلىشىشى كۈتۈلمەكتىكەن. ئەمما خىتاي بىلەن چوڭقۇرلاشقان ھەربىي مۇناسىۋەتنىڭ ھىندىستاننى غەزەپلەندۈرۈش ئېھتىماللىقىمۇ ئەندىشە پەيدا قىلغان.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ