خىتاي شەرقىي تۈركىستاننى يېڭى تىپتىكى ئېنېرگىيە ساقلاش بازىسىغا ئايلاندۇرماقتا

خىتاي ئىشغالىيەت ئاستىدىكى شەرقىي تۈركىستاننىڭ تۈرلۈك تەبىئىي بايلىقلىرىنى زور كۆلەم ۋە تېز سۈرئەتتە تالان-تاراج قىلىش بىلەن بىرگە، يەنە خىتاينىڭ ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، شەرقىي تۈركىستاندا يېڭى تىپتىكى ئېنېرگىيە ساقلاش ئېلېكتىر ئىستانسىسىلىرىنى كەڭ كۆلەمدە كۆپەيتمەكتە.

خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى تەشۋىقات ئورگىنى تەڭرىتاغ تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ يىل 2-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە شەرقىي تۈركىستاندا قۇرۇلغان يېڭى تىپتىكى ئېنېرگىيە ساقلاش ئېلېكتىر ئىستانسىسى 200 دىن ئاشقان. ئومۇمىي گېنېراتورلار كۆلىمىنىڭ سىغىمچانلىقى 9 مىليون 777 مىڭ كىلوۋات 32 مىليون 663 مىڭ كىلوۋات سائەتكە يەتكەن.

خەۋەردە 2024-يىلى شەرقىي تۈركىستاننىڭ پۈتۈن يىلدىكى يېڭى تىپتىكى ئېنېرگىيە ساقلاش مىقدارىنىڭ 2023-يىلىدىكىدىن %139 ئاشقانلىقى، 2025-يىلىنىڭ ئاخىرىدا يېڭى تىپتىكى ئېنېرگىيە ساقلاشتا تورلاشتۇرۇلغان كۆلەم سىغىمچانلىقىنىڭ 20 مىليون كىلوۋاتتىن ئاشىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، شەرقىي تۈركىستاننىڭ 2024-يىللىق يېڭى تىپتىكى ئېنېرگىيە ساقلاش تۈرى تىزىملىكىدە تۆمۈر فوسفاتلىق لىتىي، ناترىي ئىيونلۇق باتارېيە، ھىدروگېن ساقلاش، ئىسسىقلىق ساقلاش... قاتارلىق كۆپ خىل تۈرلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 41 تۈرلۈك يېڭى تىپتىكى ئېنېرگىيە ساقلاش تۈرى بار ئىكەن.

شۇنىڭ بىلەن بىرگە، خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا ئېنېرگىيە بايلىقى بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشنى ئالاھىدە تەكىتلەۋاتقان بولۇپ، ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى مالىيە-ئىقتىساد كومىتېتى» 25-مارت يىغىن ئېچىپ، خىتاينىڭ ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكى ۋە ئاچقۇچلۇق قېزىلما بايلىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ھەققىدىكى خىزمەتلىرىنى مۇزاكىرە قىلغان.

ما شىڭرۈي يىغىندا شەرقىي تۈركىستاننىڭ نېفىت-تەبىئىي گاز، كۆمۈر ۋە باشقا قېزىلما بايلىقلىرىنىڭ خىتاي ئىقتىسادى ئۈچۈن مۇھىملىقىنى تەكىتلىگەن بولۇپ، كان ئىزدەش، نۇقتىلىق ئېنېرگىيە ۋە ئىستراتېگىيەلىك قېزىلما بايلىقلارنى چارلاپ تەكشۈرۈشتە بۆسۈش ھاسىل قىلىش كېرەكلىكى ۋە شۇنداقلا ئېنېرگىيە بايلىقى بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەكلىكى ھەققىدە جار سالغان.

خىتاي شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئەسلى ئىگىلىرى بولغان ئۇيغۇرلار باشلىق تۈركىي خەلقلەرگە ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈش بىلەن بىرگە، شەرقىي تۈركىستاندىكى تۈرلۈك تەبىئىي بايلىقلارنى، ئېنېرگىيە زاپىسىنى ئىلغار تېخنىكا ۋە زور مەبلەغ بىلەن بۇلاڭ-تالاڭ قىلماقتا ۋە داۋاملىق چارلاپ تەكشۈرمەكتە. بۇ غايەت زور بايلىقلار خىتاينىڭ ئاستىلاۋاتقان ئىقتىسادى ۋە ھەرقايسى خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى ئېنېرگىيە كىرىزىسلىرىنى ھەل قىلىشتا ئاچقۇچلۇق رول ئوينىغانلىقى ئۈچۈن، خىتاي ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشنى نۇقتىلىق خىزمىتى سۈپىتىدە تەكىتلىمەكتە.

بۇ خەۋەر 2081 قېتىم كۆرۈلدى
27/03/2025 13:03:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق