تىرامپ ھۆكۈمىتى خىتايغا قارىتىلغان سودا قارا تىزىملىكىنى كېڭەيتىپ، خىتاينىڭ سۈنئىي ئەقىل، ئىلغار ھېسابلاش، ھەربىي تېخنىكا قاتارلىق ساھەلەردىكى تەرەققىياتىنى چەكلەش ئۈچۈن، كۆپ قىسمى خىتاينىڭ بولغان 80 شىركەت ۋە ئورگاننى ئېمبارگو تىزىملىككە كىرگۈزدى.
نىيۇيورك ۋاقىت گېزىتىنىڭ 26-مارت خەۋەر قىلىشىچە، تىرامپ ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ تەدبىرى ئاساسلىقى خىتاي شىركەتلىرىگە قارىتىلغان بولۇپ، Nvidia، Intel ۋە AMD شىركەتلىرىدىن ئامېرىكىنىڭ ئۆزەكلىرىنى سېتىۋالىدىغان چوڭ شىركەتلەرگە زەربە بېرىشنى مەقسەت قىلغان. بۇ تەدبىر يەنە تىرامپ ھۆكۈمىتى ئەمەلدارلىرى ئۇزۇن ۋاقىتتىن بۇيان تەنقىدلەپ كەلگەن بوشلۇقلارنى تولدۇرىدىغان بولۇپ، بۇ بوشلۇقلار خىتاي شىركەتلىرىنىڭ ئامېرىكىنىڭ چەكلىمىسى ئاستىدا تېخنىكىلىق تەرەققىياتىنى داۋاملاشتۇرۇشىغا يول ئاچقان.
تىزىملىككە يېڭى قوشۇلغان شىركەتلەردىن نىڭچاڭ ئۇچۇر سانائىتى شىركىتى نىيۇيورك ۋاقىت گېزىتىنىڭ 2024-يىلى ئىجرا قىلغان تەكشۈرۈشىنىڭ دىققەت نۇقتىسى بولغان. بۇ تەكشۈرۈش دوكلاتى بەزى خىتاي شىركەتلىرىنىڭ سۈنئىي ئەقىل تېخنىكىسى ئۈچۈن، ئامېرىكىنىڭ ئىلغار ئۆزەك چەكلىمىلىرىدىن قانداق يول تېپىپ ئۆتۈپ كەتكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەرگەن.
نىڭچاڭ شىركىتى خىتايدىكى سۈنئىي ئەقىل ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان كومپيۇتېر مۇلازىمىتېرى ئىشلەپچىقارغۇچىلارنىڭ ئەڭ چوڭلىرىدىن بىرى بولۇپ، بۇ شىركەت شۇگۇاڭ شىركىتىنىڭ بىر توپ سابىق يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچىلىرى تەرىپىدىن قۇرۇلغان. شۇگۇاڭ شىركىتى خىتاي ئارمىيەسىنى ئىلغار ھېسابلاش تېخنىكىسى بىلەن تەمىنلەپ كەلگەن ھەمدە خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇرلارنى نازارەت قىلىش ئۈچۈن ئىشلىتىلگەن سىستېمىسىنى قۇرۇپ چىققان. 2019-يىلى ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىك ئەندىشىسى سەۋەبلىك، شۇگۇاڭ شىركىتىنى ئېكسپورت چەكلەش تىزىملىكىگە كىرگۈزگەن.
نىيۇيورك ۋاقىت گېزىتىنىڭ تەكشۈرۈشىگە ئاساسلانغاندا، شۇگۇاڭ شىركىتى ئامېرىكا تەرىپىدىن چەكلەنگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك ھەمكارلاشقۇچىلىرى بولغان Nvidia، Intel ۋە مىكروسوفت شىركەتلىرى تېزلىكتە نىڭچاڭ بىلەن ئالاقە قۇرغان.
ئېرىشىلگەن خاتىرىلەرگە قارىغاندا، شۇگۇاڭ ۋە نىڭچاڭ شىركەتلىرى خىتاي پەنلەر ئاكادېمىيەسىگە چېتىشلىق ئىكەن. خىتاي پەنلەر ئاكادېمىيەسى ئۆزەك تېخنىكىسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان چوڭ تەتقىقات ئورگىنى بولۇپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى دۆلەت بىخەتەرلىكى سەۋەبىدىن ئۇنىڭ بەزى خىزمەتچىلىرىگە جازا يۈرگۈزگەن. نىڭچاڭ شىركىتى ئىلگىرى دۆلەت مۇداپىئە تەجرىبىخانىسى بار ئۇنىۋېرسىتېتلارغا، ئارمىيە بىلەن ھەمكارلاشقان تور بىخەتەرلىك شىركەتلىرىگە مۇلازىمىتېر سېتىپ بەرگەن.
مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئادەتتە جازا تىزىملىكى شىركەتلەرنىڭ رەسمىي ئىسمى ۋە ئادرېسىغا ئاساسەن ئىجرا قىلىنغاچقا، شىركەتلەر تۈرلۈك ئۇسۇللار بىلەن جازا تەدبىرىدىن ئاسانلا قېچىپ قۇتۇلالايدىكەن.
تىرامپ ھۆكۈمىتى سەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان تىزىملىكتە 54 خىتاي شىركىتى ۋە ئورگىنى بار بولۇپ، ئۇندىن باشقا، ئىران، پاكىستان، جەنۇبىي ئافرىقا، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ۋە تەيۋەن قاتارلىق دۆلەتلەردىكى 20 دىن ئارتۇق شىركەت ۋە ئورگانمۇ بار ئىكەن.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ