ئامېرىكا يېڭى سۇرىيە ھۆكۈمىتىگە شەرت قويدى

ئامېرىكا جازا تەدبىرلىرىنى بىكار قىلىشنىڭ شەرتى سۈپىتىدە، يېڭى سۇرىيە ھۆكۈمىتىگە بىر قاتار تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئەلجەزىرە تورىنىڭ 26-مارت خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا سۇرىيەگە قارىتا جازا تەدبىرنى قىسمەن بىكار قىلىش شەرتلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، بۇ شەرتلەر چەت ئەللىك قوماندانلارنى ھۆكۈمەتنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ۋەزىپىلىرىدىن چېكىندۈرۈش ۋە خىمىيەلىك قوراللارنى يوقىتىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. سۇرىيە ھۆكۈمىتى بۇندىن ئىلگىرى ئۇيغۇر، تۈرك ۋە ئىيوردانىيەلىك قوماندانلارنى مۇداپىئە مىنىستىرلىقىدا ئوخشىمىغان ۋەزىپىلەرگە قويغانىدى.

ئامېرىكا مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كاتىپى ناتاشا فىرانچېسكى 18-مارت بىريۇسسېلدا ئۆتكۈزۈلگەن ياردەم بەرگۈچىلەر يىغىنىدا سۇرىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەسەد ئەلھىبانى بىلەن كۆرۈشۈپ، بۇ تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئەگەر سۇرىيە ھۆكۈمىتى ئامېرىكىنىڭ تەلەپلىرىگە بويسۇنغان تەقدىردە، ئامېرىكا سۇرىيەنىڭ ئاجىزلاشقان ئىقتىسادى ئۈچۈن مۇھىم بولغان جازا تەدبىرلەرنى يۇمشىتىشنى قارار قىلغان.

گەرچە ئەمەلدارلار ئامېرىكىنىڭ سۇرىيەگە بولغان سىياسىتى ھەققىدە ئوخشىمىغان قاراشلارغا ئىگە بولسىمۇ، بۇ يىغىن تىرامپ پىرېزىدېنت بولۇپ سايلانغاندىن بۇيان ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى تۇنجى يۇقىرى دەرىجىلىكلەر ئالاقىسى بولۇپ قالىدىكەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1729 قېتىم كۆرۈلدى
27/03/2025 12:54:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق