تىرامپنىڭ زەربىسىگە ئۇچرىغان ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتاينى نىشانلىماقتا

تىرامپنىڭ زەربىسىگە ئۇچرىغان ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى ياخشىلاشقا تىرىشىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد تىرامپنىڭ قايتا ھاكىمىيەت بېشىغا چىقىشى ياۋروپا بىلەن خىتاي مۇناسىۋىتىنى قايتا شەكىللەندۈرىدىغانلىقى ھەققىدە مۇنازىرە قوزغالغان. بۇ بىر قاتار يۇقىرى دەرىجىلىك ياۋروپا ئەمەلدارلىرىنىڭ بېيجىڭنى زىيارەت قىلىشىغا سەۋەب بولغان. بىريۇسسېل ۋە ھەر قايسى ياۋروپا ئەللىرى پايتەختلىرىدىن كەلگەن مۇھىم شەخسلەر قاتتىق پوزىتسىيەدە بولۇش بىلەن مۇناسىۋەتنى ياخشىلاشقا بولغان چاقىرىقلار ئارىسىدا تەڭپۇڭلۇق شەكىللەندۈرۈش ھەققىدە ئىزدەنمەكتىكەن. گېئوپولىتىكىلىق جىددىيچىلىك ئىچىدە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ پەرقلىق پوزىتسىيەسىنى ئەكس ئەتتۈرىدىكەن.

ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ سودا ئىشلىرىغا مەسئۇل ئەمەلدارلىرى ماروس شېفچوۋىچ ياۋروپا كارخانىلىرى ئۈچۈن خىتاي بازىرىنى ئېچىشنى ۋە خىتاي مەبلىغى توغرىسىدا سۆھبەتلىشىشنى مەقسەت قىلغان. فىرانسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جېن نوئېل باررو بولسا سودا نىزالىرىنى يېنىكلىتىشنى ئۈمىد قىلغان ۋە خىتاينى رۇسىيەدىن يىراق تۇرۇشقا ئۈندىگەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، پورتۇگالىيە ۋە ئىسپانىيەمۇ خىتاي بىلەن مۇناسىۋەتنى كۈچەيتىشكە، توكلۇق ئاپتوموبىل قاتارلىق ساھەلەردىكى سودا پۇرسەتلەرنى ئىزدەشكە تىرىشقان.

بەزى ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەمەلدارلىرى خىتاينىڭ يول قويۇش ئېھتىماللىقىغا ئۈمىدۋار بولسىمۇ، بېيجىڭنىڭ كېلىشىشكە رازى بولۇش-بولماسلىقى توغرىسىدا يەنىلا گۇمان بار ئىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ياۋروپانىڭ خىتاي ماللىرىغا بولغان تايىنىپ قېلىشى ۋە خىتاينىڭ رۇسىيە بىلەن يېقىن مۇناسىۋىتىنىڭ تەسىرىگە تاقابىل تۇرۇش ھەققىدىكى بەس-مۇنازىرىلەر داۋاملىق كۈچەيمەكتىكەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1489 قېتىم كۆرۈلدى
26/03/2025 12:32:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق