خىتاي دېڭىز ساقچىلىرى بىلەن ياپونىيە بېلىقچى پاراخوتلىرى ئارىسىدا سۈركىلىش چىقتى

خىتاي دېڭىز ساقچىلىرى ياپونىيەنىڭ بېلىقچىلىق پاراخوتلىرىنى قوغلاپ چىقارغان بولۇپ، سىنكاكۇ ئارىلىدىكى تالاش-تارتىش تېخىمۇ كۈچەيگەن.

جەنۇبىي خىتاي سەھەر پوچتىسىنىڭ 25-مارت خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي دېڭىز ساقچىلىرى سىنكاكۇ ئارىلى ئەتراپىدىكى تالاش-تارتىش بولۇۋاتقان رايونىدا ياپونىيەنىڭ تۆت بېلىقچىلىق پاراخوتىنى قوغلاپ چىقارغان بولۇپ، خىتاي بۇ رايوننىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى دەۋا قىلغان.

بۇ ۋەقە 21-مارتتىن 24-مارتقىچە بولغان ئۈچ كۈن ئىچىدە يۈز بەرگەن بولۇپ، ياپونىيە خىتاينىڭ شەرقىي دېڭىزدىكى ۋەزىيەتنىڭ كەسكىنلەشتۈرۈۋەتكەنلىكى ھەققىدىكى ئەيىبلەشلەردىن كېيىن ئوتتۇرىغا چىققان. خىتاي باياناتچىسى بۇ ئاراللارنىڭ ئەزەلدىن تارتىپ خىتاي تېررىتورىيەسى ئىكەنلىكى، ياپونىيەنى قانۇنسىز پائالىيەتلىرىنى توختىتىشقا چاقىرىدىغانلىقى ھەققىدە جار سالغان.

ياپونىيە تەرەپ خىتاي پاراخوتلىرىنىڭ رايوندىكى مەۋجۇتلۇقىغا نارازىلىق بىلدۈرگەن بولۇپ، خىتاينىڭ رايوندىكى پائالىيەتلىرىنىڭ كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە ئاشقانلىقىنى، بۇ ھەرىكەتلىرىنىڭ قوراللىق پاراخوتلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. بۇ ۋەقە ئامېرىكىنىڭ دىققىتىنى تارتقان بولۇپ، ئامېرىكا ياپونىيە-ئامېرىكا بىخەتەرلىك شەرتنامىسى بويىچە ياپوننى قوغداش ۋەدىسىنى قايتا تەكىتلىگەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1437 قېتىم كۆرۈلدى
26/03/2025 12:26:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق