خىتاينىڭ يېڭى بەلگىلىمىسى «چەت ئەلنىڭ جازاسىغا قارشى تۇرۇش قانۇنى»نى ئىجرا قىلىشنى كۈچەيتىدىغان بولۇپ، ئەقلىي مۈلۈكلەرنىمۇ مۇسادىرە قىلالايدىكەن.
فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ 24-مارت خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي باش مىنىستىرى لى چياڭ يېقىندا بىر بۇيرۇققا ئىمزا قويۇپ، «چەت ئەلنىڭ جازاسىغا قارشى تۇرۇش قانۇنىنى ئىجرا قىلىش بەلگىلىمىسى»نى ئېلان قىلغان. بەلگىلىمىنىڭ مەزمۇنى «قارشى تەدبىرلەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، تەدبىرلەرنى ئىجرا قىلىشنى كۈچەيتىش»نى تەكىتلەيدىكەن. بەلگىلىمىدە يەنە تەدبىر ئوبيېكتىنىڭ نەق پۇل، پاي چېكى، ئەقلىي مۈلۈك قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مال-مۈلكىنى مۇسادىرە قىلىش ياكى توڭلىتىش چارىلىرى ئېنىق بېكىتىلگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، خىتاينىڭ «چەت ئەلنىڭ جازاسىغا قارشى تۇرۇش قانۇنى» 22 ماددىنى، تۆت چوڭ تۈرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بولۇپ، 2021-يىلى 10-ئىيۇن ئېلان قىلىنىپ ئىجرا قىلىنغان. بۇ ھەپتە ئېلان قىلىنغان بەلگىلىمە بولسا مەزكۇر قانۇننى تېخىمۇ ئېنىق قارشى تەدبىرلەر ۋە جەريانلار بىلەن تەمىنلەيدىكەن.
خىتاي يېقىنقى يىللار مابەينىدە شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق، جۈملىدىن مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش جىنايىتى سەۋەبلىك، شۇنداقلا رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشىدا رۇسىيەنىڭ شىركەت، ئورگانلىرى بىلەن ھەمكارلىشىش، ياردەم بېرىش قاتارلىق قىلمىشلىرى سەۋەبلىك، ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى بىر قىسىم غەرب ئەللىرىنىڭ تۈرلۈك جازاسىغا ئۇچرىغانىدى.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ