تەيۋەننى قورال كۈچى بىلەن ئىگىلەشنى تەشۋىق قىلغان خىتايلار قوغلاپ چىقىرىلدى

تەيۋەن ئارىلىنى ھەربىي كۈچ ئارقىلىق ئىگىلەشنى تەشۋىق قىلغان ئۈچ خىتاي پۇقراسى تەيۋەندىن چىقىپ كېتىشكە بۇيرۇلدى.

جەنۇبىي خىتاي سەھەر پوچتىسىنىڭ 25-مارت خەۋەر قىلىشىچە، تەيۋەنلىك ئەرلەر بىلەن توي قىلغان ئۈچ خىتاي پۇقراسى ئايال تەيۋەندىن چىقىپ كېتىشكە بۇيرۇلغان. بۇنىڭ سەۋەبى بولسا، ئۇلار خىتاينىڭ ھەربىي كۈچ ئارقىلىق تەيۋەننى قوشۇۋېلىشىنى تەشۋىق قىلغان.

تەيۋەن ھۆكۈمىتى خىتاينى «چەت ئەللىك دۈشمەن كۈچ» دەپ قارايدىغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ تەيۋەندە تۇرۇش رۇخسىتىنى «دۆلەت مۇقىملىقىغا تەھدىت ئېلىپ كېلىدۇ» دېگەن سەۋەب بىلەن بىكار قىلغان. خىتاي بىلەن كەسكىنلىك كۈچەيگەن بىر مەزگىلدە، تەيۋەن ھۆكۈمىتى دۈشمەن دۆلەتتىن كەلگەن شەخسلەرگە قارىتا تېخىمۇ قاتتىق تەدبىرلەرنى قوللىنىشنى تەكىتلىگەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 995 قېتىم كۆرۈلدى
26/03/2025 12:20:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق